قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ تېمىلارغا ئايرىلىشى

ئىسلام ئاساسلىرى


زاكات ۋە سەدىقە، تەۋھىد، ئاللاھ تائالانى بىر دەپ تونۇش، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرى، دىندا جاھىللىق قىلغۇچىلار، شېرىك ۋە مۇشرىكلار، كافىرلار، ئىسلامنى ئىنكار قىلغۇچى زالىملار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، دىن ئىسلام، ناماز، نامازنى ئادا قىلىش، دۇئا، پاكلىنىش، مەسجىد، روزا، ھەج ۋە ئۆمرە، باشقا ئىبادەتلەر

ئىلىم


ئىلىمنىڭ پەزىلەتلىرى، ئالىملارنىڭ مەرتىۋىسى، ئىلىم ئۈگۈنۈش ۋە ئىلىمگە ئەمەل قىلىش، جاھالەت ۋە ئىلىمسىزلەرنىڭ ئاقىۋېتى، ئىلىم تەبلىغ قىلىش، ئىلىم ئادابى....، ھەدىس ئىلىمى، پەتىۋا، چۈش، تىبابەت، يىللارنىڭ ھىساپلىنىشى

ئىمان


ئىماننىڭ پەزىلىتى ۋە مۇكاپاتى، ئىماننىڭ تۈرلىرى، ئىماندىن چىقىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار، ئىماننىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشى

ئەمەل


ئەمەل، سالىھ ئەمەل، سالىھ بولمىغان ئەمەللەر، ھارام قىلىنغان ئەمەللەر، زىنا ۋە پاھىشە، سۆزدىكى يامان ئەمەللەر

ئىلىم


ئىلىمنىڭ پەزىلىتى، ئالىملارنىڭ.....، ئىلىم تەلەپ قىلىش ۋە ئىلىمگە ئەمەل قىلىش

ئىمان


ئىماننىڭ پەزىلەتلىرى ۋە مۇكاپاتلىرى، ئىماننىڭ....، ئىماندىن چىقىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار، ئىماننىڭ كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشى

ئىنسان ۋە ئىجتىمائى ئالاقە


ئائىلە، قىزلارنى تىرىك كۆمۈش، تالاقتىن كىلىپ چىقىدىغان ھۆكۈملەر، تالاق قىلىش، ئىنسان، بالا بىقىۋېلىش، جەمىيەت، مۇناسىۋەت، ئاياللار، يىتىملار

ئىنسان ئەخلاق ۋە مۇناسۋەت


گۈزەل ئەخلاق، ناچار قىلىقلار

جىھاد


جىھاد، جىھاد قوراللىرى، ھەربى سىر، ئەسىرلەر ۋە قۇللار، ھەربى تەلىماتلار، ئىسلام يولىدا جىھاد قىلىش، شەھىتلەر، غازاتلار، ئۇرۇش نەتىجىسى، غەلبىنىڭ سەۋەپلىرى، ھىجرەت

ئەرىز ھۆكۈم جىنايى ئىشلار دەۋاسى


جازا، چەكلىمىلەر، كەچۈرۈم قىلىنغان ئىشلار، شەرىئەتكە دائىر ئىشلار، گۇۋاھلىق بىرىش، قانۇنى ئالاقە، سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئالاقە، ھۆكۈمران، ئىلىم پەن ۋە سەنئەت، ئىلمى ھەقىقەتلەر، دىنلار، ئەھلى كىتاپ، بەنى ئىدسرائىل، ناسارا(خىرىستىيانلار)، تارىخ ۋە قىسئەلەر، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، سەبەئ، ئىمران، ئىمراننىڭ قىزى مەريەم، فىرئەۋىن، لۇت قەۋمى، نوھ ئەلەيھىسسالام، مۇسسا ئەلەيھىسسالام

تىجارەت زىرائەت سانائەت


تىجارەت

پۇل-مۇئامىلە ئشلىرى


ۋەسىيەت

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

قۇرئان كەرىم (ئەرەپچە القرآن ياكى القرآن الكريم) ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن لەۋھۈلمەھپۇزغا رامىزان ئىيىنىڭ قەدر كېچىسىدە بىر يوللا تولۇقى بىلەن دۇنيا ئاسمىنىغا نازىل قىلىنغان.① ئاندىن دۇنيا ئاسمىنىدىن 23 يىل جەريانىدا پارچە - پارچە ھالدا رەسۇلۇللاھقا جىبرىئىل ئارقىلىق ئەرەپ تىلىدا تەدرىجى نازىل بولۇپ تولۇق تاماملانغان.② قۇرئان كەرىم «كەلامۇللاھ»، «كىتابۇللاھ»، «فۇرقان»، «تەنزىل»، «مۇششاف» ، «كىتاب»، «نۇر»، «زىكىر» قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە 30 پارە 114 سۈرە 6236 ئايەت بار. بۇنىڭ ئىچىدە 28 سۈرە مەدىنە سۈرىىلىرى، 86 سۈرە مەككە سۈرىلىرى. ئەڭ ئاۋال نازىل بولغان ئايەت « ئەلەق» سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتتۇر.③ قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەيەيھى ۋەسەلەم دەۋرىدە كىتاپ ھالىغا كەلتۈرۈلمىگەن، پەقەت دەرەخ قوۋزاقلىرى، تىرە ياكى تاشتەك نەرسىلەرگە يىزىپ ساقلانغان، كىيىن خەلىفە ئابابەكرى زامانىسىدا، قۇرئاننى ھازىرقى كىتاپ ھالىدە رەتلەپ چىقىلغان، رەتلەشكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى يىزىشقا تەيىنلىگەن قارى زەيىد ئىبنى سابىت مەسئۇل بولغان، خەلىفە ئوسمان زامانىسىدا ئالتە نۇسخا كۆچۈرۈلۈپ جايلاردىكى ئىسلام ۋىلايەتلىرىگە ئەۋەتىپ بىرىلگەن. مانا بۇ ھازىرقى «ئوسمانلى نۇسخىسى» قۇرئان كەرىمدۇر.

تەرتىپى ئىسمى مەنىسى ئاتىلىش سەۋەپلىرى
1 فاتىھە مۇقەددىمە، ئاچقۇچ بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 12 ئىسمى بار، «قۇرئان كەرىم» ۋە نامازلارمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ.
2 بەقەرە كالا كالا ۋەقەسى بايان قىلىنغان (67---------73- ئايەتلەر)
3 ئال ئىمران ئىمران ئائىلىسى ئىمران(ھەزىرتى مەريەمنىڭ ئاتىسى)ئائىلىسىنىڭ پەزلى بايان قىلىنغان(35___55-ئايەتلەر)
4 نىسا ئاياللار ئاياللار ھەققىدىكى ئەھكاملار كۆپ
5 مائىد داستىخان ھەۋارىلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئاسماندىن"ئۈستىدە تاماق بار دەستىخان" چۈشۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ( 112__115-ئەيەتلەر)
6 ئەنئام چاھارپايلار چاھارپايلارنىڭ ھالال-ھاراملىرى بايان قىلىنغان(136-----146-ئايەتلەر)`
7 ئەئراف جاي ئىسمى جەننەت بىلەن دوزاق ئوتتۇرسىدىكى پاسىل. يەنى ئەئراف زىكىر قىلىنغان(48---49—ئايەتلەر)
8 ئەنفال غەنىيمەت(ئولجا) غەنىيمەت تەقسىماتى ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
9 تەۋبە تەۋبە تەۋبە ياكى ئازابنى تاللاش كىرەكلىكى بايان قىلىنغان( بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 14 ئىسمى بار)
10 يۇنۇس كىشى ئىسمى يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (98-ئايەت)
11 ھۇد كىشى ئىسمى ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (50---60-ئايەتلەر)
12 يۈسۈف كىشى ئىسمى يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان
13 رەئد چاقماق چاقماق قاتارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان(13-ئايەت)
14 ئىبراھىم كىشى ئىسمى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (35—41-ئايەتلەر)
15 ھىجر جاي ئىسمى سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىجر دېگەن جايدا ياشايدىغان قەۋمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (80ـــــــــــــ 82- ئايەتلەر)
16 نەھىل ھەسەل ھەرىسى ھەسەل ھەرىسىنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (68ـــــــــــــــــــــ69-ئايەتلەر)
17 ئىسرا كېچىلىك سەپەر رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ سەپىرى بايان قىلىنىدۇ
18 كەھف غار ئەسھابۇل كەھف قىسسىسى بايان قىلىنغان (9ــــــــــــــــــــــ 26 – ئايەتلەر)
19 مەريەم كىشى ئىسمى ھەزىرتى مەريەم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان (16ـــــــــــــــــــــــ37- ئايەتلەر)
20 تاھا رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ئىسمى بىلەن باشلانغان
21 ئەنبىيا پەيغەمبەرلەر بىر بۆلۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن قىسقىچە ئومۇمى بايان بېرىلگەن
22 ھەج ھەج ھەجگە ئالاقىدار بايانلار بار ( 25-37- ئايەتلەر)
23 مۆئمىنون مۆئمىنلەر مۆئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلانغان
24 نۇر نۇر ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ نۇرى ئىكەنلىكى... بايان قىلىنغان (35-40- ئايەتلەر)
25 فۇرقان ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى «قۇرئان كەرىم» ھەققىدىكى بايانلار بىلەن باشلانغان
26 شۇئەرا شائىرلار شائىرلار ھەققىدە بايانلار بار (225-227-ئايەتلەر)
27 نەمل چۈمۈلە چۈمۈلە قىسسىسى بايان قىلىنغان (18-19- ئايەتلەر)
28 قەسەس قىسسەلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋەللۇتىدىن، تا پەيغەمبەرلىكىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
29 ئەنكەبۇت ئۆمۈچۈك مۇشرىكلارنىڭ مەبۇد قىلىۋېلىشقان بۇتلىرى ئۆمۈچۈكنىڭ ئاجىز ئۆيىگە ئوخشىتىلغان(41-ئايەت)
30 رۇم ۋېزانتىيە «قۇرئان كەرىم»نىڭ مۆجىزىلىرىدىن، رۇملۇقلارنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە يېڭىدىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن(2-5-ئايەتلەر)
31 لوقمان لوقمان ھەكىم لوقمان ھەكىمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (13-19-ئايەتلەر)
32 سەجدە سەجدە بىر سەجدە ئايىتى بار (15-ئايەت)
33 ئەھزاب قوشۇنلار مۇشرىكلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى توپ-توپ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان (9-27- ئايەتلەر)
34 سەبەئ قەۋم ئىسمى يەمەندىكى سەبەئ قەۋمىنىڭ قىسسىس بايان قىلىنغان (15-21-ئايەتلەر)
35 فاتىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ مەزكۈر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
36 ياسىن ي، س ھەرىپلىرى ئەرەب ئىلىپبەسىدىكى مەزكۈر ئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان
37 ساففات سەپراس قوشۇن مەزكۈر سۈپەتتىكى مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
38 ساد «ص» ھەرىپى ئەرەب ئىلىپبەسىدىكى مەزكۈر ھەرپ بىلەن باشلانغان
39 زۇمەر جامائە مۆئمىنلەر جامائەسى ۋە كۇففارلار جامائەسى سېلىشتۇرۇلغان
40 غافىر مەغپىرەت قىلغۇچى سۈرە بېشىدىلا ئاللاھنىڭ مەزكۈر ئىسمى زىكىر قىلىنغان
41 فۇسسىلەت مۇپەسسەل بايان قۇدرىتى ئىلاھىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
42 شۇئەرا كېڭەش كېڭەشنىڭ ئىسلامدىكى ئالاھىدە ئورنى بايان قىلىنغان (48-ئايەت)
43 زۇخرۇف زىبۇ-زىننەت باقىيسى يوق دۇنيا نېئمەتلىرى پارقىراق زىبۇ-زىننەتكە ئوخشىتىلغان ۋە ئۇنىڭدىن دۇنيادا كۇففارلارمۇ بەھىرلىنەلەيدىغانلىقى، ئاخىرەتتە مۆئمىنلەرگىلا خاس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
44 دۇخان تۈتۈن ئاللاھ كۇففارلارنى رەسۇلۇللاھقا تەكزىب قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈتۈن بىلەن قورقۇتقان (10 ئايەت)
45 جاسىيە تىزلانغان(قەۋم) قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر قەۋمنىڭ قورقۇنچتىن تىزلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (28-ئايەت)
46 ئەھقاف جاي ئىسمى ئەھقافتىكى ئاد قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان
47 مۇھەممەد كىشى ئىسمى جىھاد ھەققىدە بايانلار بار. بۇ سۈرە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان
48 فەتىھ ئازاد قىلىش مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
49 ھۇجۇرات ھۇجرىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھۆرمىتى بايان قىلىنغان
50 قاف «ق» ھەرىپى ئەرەب ئىلىپبەسىدىكى مەزكۈر ھەرپ بىلەن باشلانغان
51 زارىيات سورىغۇچى تۇپراقنى سورىغۇچى شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
52 تۇر تۇر تېغى تۇر تېغى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
53 نەجىم يۇلتۇز يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
54 قەمەر ئاي باشتىلا «ئاي يىرىلىش ۋەقەسى» زىكىر قىلىنغان
55 رەھمان ناھايتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ مەزكۈر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
56 ۋاقىئە زور ۋەقە قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
57 ھەدىد تۆمۈر تۆمۈرنىڭ خۇسۇسيىتى بايان قىلىنغان (25-ئايەت)`
58 مۇجادەلە تاكاللىشىش زىھار قىلىنغان بىر ئايالنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئېرىدىن شىكايەت قىلغان ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
59 ھەشىر سۈرگۈن بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان ( 3-ئايەت)
60 مۇمتەھىنە سىنالغان ئايال ھۆدەيبىيە سۈلھى مەزگىلىدە مەدىنىگە ھېجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىنەلەرنى سىناپ ئېلىپ قېلىش، كۇففارلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بايان قىلىنغان (10-ئايەت)
61 سەپ سەپ، قاتار كۇففارلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جىھاد قىلغانلار مەدھىيلەنگەن (4-ئايەت)
62 جۇمۇئە جۈمە جۈمە نامىزىغا دائىر ئەھكاملار بار ( 11-9-ئايەتلەر)
63 مۇنافىقۇن مۇناپىقلار مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئېچىپ تاشلانغان
64 تەغابۇن زىيان تارتىش كۇففارلارنىڭ قىيامەتتە زىيان تارتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (9-10-ئايەتلەر)
65 تەلاق تالاق تالاققا دائىر ئەھكاملار بايان قىلىنغان
66 تەھرىم ھارام قىلىۋېلىش رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، دېدىكى مارىيەگە يېىقىنلىشىشىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن
67 مۈلك ئىگىدارچىلىق پۈتۈن ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھقا مەنسۈپ ئىكەنلىكى بىلەن باشلانغان
68 قەلەم قەلەم باشتىلا قەلەم بىلەن قەسەم قىلىنغان
69 ھاققە بولۇشى مۇقەرەر قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بىلەن باشلانغان
70 مائارىج ئاسمان شوتىلىرى ئاللاھنىڭ ئاسمان شوتىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان (3-ئايەت)
71 نوھ كىشى ئىسمى نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
72 جىن جىن جىنلار ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى مەلۇمات بار
73 مۇزەممىل كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
74 مۇدەسسىر كىيىمگە پۈركۈنىۋالغۇچى رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
75 قىيامەت قىيامەت قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
76 ئىنسان ئىنسان ئىنساننىڭ يارىتىلىشى بىلەن باشلانغان
77 مۇرسەلات لەرزان (شاماللار) شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
78 نەبە ئۇچۇر قىيامەت، قايتا تىرىلدۈرۈش... ھەققىدە ئۇچۇر بىرىلگەن
79 نازىئات سۇغۇرۋالغۇچى شۇ سۈپەتلىك مالائىكىلەر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
80 ئەبەسە تەرىنى تۈرۈش رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمغا تەرىنى تۈرگەن ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
81 تەكۋىر ئۆچۈش(نۇرى) قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
82 ئىنىفتار يېرىلىش قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
83 مۇتەففىقىن تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر ئاگاھلاندۈرۇلۇپ باشلانغان
84 ئىنىشقاق يېرىلىش قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
85 بۇرۇج ئاسمان بۇرۇجلىرى بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
86 تارىق يورۇق يولتۇز باشتىلا يورۇق يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنغان
87 ئەئلا ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللاھنىڭ مەزكۈر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
89 فەجر تاڭ، سۈبھى سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
90 بەلەد شەھەر مەككە شەھىرى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
91 شەمس قۇياش قۇياش بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
92 لەيل كېچە كېچە بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
93 زۇھا چاشكا چاشكا ۋاقتى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
94 ئىنىشىراھ ئېچىۋېتىش ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋېتىپ دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان
95 تىن ئەنجۈر ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
96 ئەلەق لەختە قان ئىنساننى لەختە قاندىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان
97 قەدر قەدر كېچىسى قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، خاسىيىتى بايان قىلىنغان
98 بەييىنە بورھان، ھۆججەت ئەھلى كىتابتىن كۇففار بولغانلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانمىغانلىقى بايان قىلىنغان
99 زەلزەلە تەۋرەش قىيامەتتە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
100 ئادىيات ئاتلىق (قوشۇن) ھاسىراپ يۈگۈرگۈچى ئاتلار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
101 قارىئە چەككۈچى قۇرقۇنچلۇقى بىلەن دىللارنى چېكىدىغان قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
102 تەكاسۇر پەخىرلىنىش مال- دۇنيا، پەرزەنتتىن پەخىرلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان
103 ئەسىر ئەسىر، زامان ئەسىر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
104 ھۇمەزە بوھتان چاپلىغۇچىلار بوھتان چاپلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن
105 فىل پىل «كەئبە شەرىف»نى ۋەيران قىلىش قەستىدە قوشۇن باشلاپ كەلگەن پىل ئىگىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سۆزلەنگەن
106 قۇرەيىش قەبىلە نامى ئاللاھنىڭ قۇرەيشكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەن
107 مائۇن قۇلقا كىشىلەرگە پالتا، كەكە، يىپ- يىڭنە... چاغلىق نەرسىلەرنى بەرمەيدىغان كىشىلەر ئەيىپلەنگەن
108 كەۋسەر ھەۋزى كەۋسەر رەسۇلۇللاھقا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن
109 كافىرۇن كاپىرلار كۇففارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەدىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان
110 نەسر نۇسرەت مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
111 مەسەد چىگە ئەبۇ لەھەبنىڭ سۈخەنچى خوتۇنىنىڭ بوينىدا چىگىدىن ئېشىلگەن ئارغامچا بولدىغانلىقى سۆزلەنگەن
112 ئىخلاس ئىخلاس ئاللاھنىڭ بىرلىكى، تەڭداشسىزلىقى... بايان قىلىنغان
113 فەلەق سۈبھى سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن
114 ناس ئىنسانىيەت ئىنسانلارنىڭ رەببى، پادىشاھى، ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن
ئىزاھات
① سۈرە «بەقەرە» 185-ئايەت، سۈرە «قەدر» 1-ئايەت، سۈرە «دۇخان» 3-ئايەتلەرگە قارالسۇن.
② سۈرە«بەنى ئىسرائىل» 106-ئايەت...
③بۇخارى بىلەن مۇسلىمدە ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتقاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئوقۇ» دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدى. پەرىشتە ئۇنى تۇتۇپ قاتتىق سىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چارچاپ كەتتى. پەرىشتە جىبرىئىل ئۇنى قويۇۋېتىپ «ئوقۇ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بايىقى سۆزنى تەكرارلىدى. بۇ ئەھۋال ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، ئۈچىنچى قېتىمدا جىبرىئىل ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى بەش ئايەتنى ئوقۇدى.
« ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1] ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2] ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3] ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4] ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5] .»