فاتىھە سۈرىسى

فاتىھە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، 7 ئايەت

1- پەزىلىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِّنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق»- 15- سۈرە ھىجر، 87- ئايەت. 15/87.

«مەسانى» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە قۇرئان كەرىمگە بېرىلگەن سۈپەت بولۇپ، مەنىسى «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:

﴿اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ﴾

 «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى»- 39- سۈرە زۇمەر، 23- ئايەت.

بۇ ئايەتتە «ئىككىدىن-ئىككىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەسانى» بولۇپ، ھىجر سۈرىسىنىڭ 87- ئايىتىدىكى كەلىمىنىڭ ئەينىسىدۇر. بۇ كەلىمىنىڭ مۇفرەدى (بىرلىك شەكلى) بولغان مەسنا («مَثْنى») سۈرە نىسانىڭ 3- ئايىتىدە ئۆتىدۇ. مەسنا دېگەن كەلىمە ئەسلىدە ئىككى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «سىنتەين»نىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئورنىغا كەلگەن كەلىمىدۇر، يەنى مەسنا ئەسلىدە سىنتەين سىنتەين («ثنتين ثنتين»)دېگەن بولۇپ، مەنىسى ئىككى ئىككى دېمەكتۇر.

قۇرئان كەرىمنىڭ كىتابەن مۇتەشابىھەن مەسانىيە («كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ») دېيىلىشى، ئۇنىڭ ھۆكۈم، قىسسە ۋە نەسىھەتلىرىنىڭ تەكرارلانغانلىقى، شۇنداقلا ھەر ئايىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئوخشىشى بىلەن «ئىككىدىن-ئىككىدىن» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ئايەتتىكى «مەسانىدىن يەتتە»دىن مەقسەت فاتىھە سۈرىسىدۇر. بۇ يەردىكى مىن «من (دىن)» بەيانىي (ئېنىقلاش) ئۈچۈن بولۇپ، مەنىسى «مەسانىدىن ئىبارەت بولغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى، مەسانى دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئاننىڭ تامامى بۇ يەتتە ئايەتلىك فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئىچىدە مەۋجۇت دېمەكتۇر.

«ۋە ئۇلۇغ قۇرئان» ئەتفى تەپسىر بولۇپ «مەسانىدىن يەتتە»نىڭ يەنى فاتىھە سۈرىسىنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان»نىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. چۈنكى فاتىھە سۈرىسى ھەم «مەسانى» دەپ ئاتىلىدىغان ھەم «ئۇلۇغ قۇرئان» دەپ ئاتىلىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ تامامىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (يەنى سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر»[2].

«سەبئۇلمەسانى»نىڭ مەنىسى، «ئايەتلىرى ئىككىدىن-ئىككىدىن قىلىپ نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئايەت» دېگەن بولىدۇ. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، سۈرە فاتىھە قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن مەقسەتلىرىنى ۋە باشقا سۈرىلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ يىغىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولغان تەۋھىد، ئىبادەت، قىسسە، قىيامەت، ھېساب، مۇئمىنلارغا مۇكاپات، ئاسىيلارغا جازا قاتارلىقلارنىڭ خۇلاسىسى مۇجەسسەملەنگەن. «سۈرە فاتىھە قۇرئاننىڭ ئانىسىدۇر»[3] دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەرمۇ يۇقىرىدىكى مەنىنى تەكىتلەيدۇ.

2- تەرجىمىسى

1- ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

2- ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئاللاھ ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر،

3- ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپتۇر،

4- جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر.

5- ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.

6- بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن:

7- سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئازمىغانلارنىڭ يولىغا!

3- تەپسىرى

1) بىسمىللاھ

ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ- ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!﴾- (ئەلەق 96/1). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئى ئوقۇغۇچى! ئوقۇغان چېغىڭدا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئۇنىڭغا تېۋىنغىن؛ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتە پەقەت ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگىن دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 113 سۈرىنىڭ بېشىدا «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىگە ئىشنى مۇشۇنداق دەپ باشلاشنى ئۆگەتمەكتە. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: مەن بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ ئەمرى، يولغا قويۇشى ۋە رۇخسىتى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلايمەن، ئاللاھتىن ياردەم ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن، ئاللاھتىن بۇ ئىشنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، مەن ئۈچۈن خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن دېگەن بولىدۇ.

2) ئاللاھقا ھەمدۇسانا

«ھەمد» لۇغەتتە ماختىماق، مەدھىيەلىمەك، تەشەككۈر بىلدۈرمەك، ھەمدۇسانا ئېيتماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ، ئەلىف لام (ئەل) بۇنىڭ ھەقىقىي تۈردىكىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئاللاھ» لەۋزىنىڭ بېشىدىكى لام (ل) بۇنىڭ ئاللاھقىلا ئېيتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن بۇ جۈملىنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى: «ھەقىقىي ماختاشلار ۋە چىن مەدھىيەلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىلىدۇ» دېگەن بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ جۈملىنى ئوقۇغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۆزى ھەمدۇسانا ئېيتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەرجىمىدىن ئۇنىڭ ئاللاھقا باشقىسىنىڭ ھەمدۇسانا ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىق پۇرىقى چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ جۈملىگە «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ مەنا تەرجىمىسى بېرىلدى. يەنى «پۈتۈن ياخشىلىقلارنى پەقەتلا ئاللاھ ئاتا قىلغان، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن ئۇلۇغ، مەرھەمىتى نېمىدېگەن كەڭ، بايلىقى نېمىدېگەن چەكسىز، پەزلى-ئېھسانى نېمىدېگەن ھېسابسىز! نېمەتلىرى نېمىدېگەن سان-ساناقسىز!» دېگەن بولۇپ، «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېگەن كىشى ئاللاھنى ئەنە شۇ تەزىم ۋە ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن ماختىغان بولىدۇ، ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇغان بولىدۇ.

3) «ئالەملەرنىڭ رەببى»

«ئالەملەر»

ئالەملەر- ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى، مەشرىق، مەغرىب ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىكى نەرسىلەرنى، ئادەم ئاتىدىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانلارنى، شۇنداقلا ھەر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ الْعَالَمِينَ. قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ. قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُ أَلَا تَسْتَمِعُونَ. قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ. قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ الَّذِي أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ

«فىرئەۋن: ‹ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟› دېدى. مۇسا: ‹ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار› دېدى. فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: ‹ئاڭلاۋاتامسىلەر؟› دېدى. مۇسا: ‹سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر› دېدى. فىرئەۋن: ‹شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئەلچىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر› دېدى. مۇسا: ‹مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار› دېدى»- 26- سۈرە شۇئەرا، 23~28.

﴿قُلْ أَغَيْرَ اللّهِ أَبْغِي رَبّاً وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيْءٍ﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا»- 6- سۈرە ئەنئام، 164 – ئايەت.

② «رەببى»

رەب- يارتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَاأَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ. الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ فِرَاشًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ فَلَا تَجْعَلُوا لِلَّهِ أَنْدَادًا وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ﴾

«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار، تەقۋادار بولغايسىلەر! ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرگە زېمىننى سېلىنچا، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن سىلەرگە رىزىق سۈپىتىدە مېۋىلەرنى[4]چىقىرىپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر بىلىپ تۇرۇپ بەزى كىشىلەرنى[5] ئاللاھ بىلەن ئوخشاش تۇتماڭلار!»- 2- سۈرە بەقەرە، 21~22.

﴿إِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَى يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ذَلِكُمُ اللَّهُ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ. فَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ذَلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ. وَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ. وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ فَمُسْتَقَرٌّ وَمُسْتَوْدَعٌ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَفْقَهُونَ. وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ نَبَاتَ كُلِّ شَيْءٍ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًا نُخْرِجُ مِنْهُ حَبًّا مُتَرَاكِبًا وَمِنَ النَّخْلِ مِنْ طَلْعِهَا قِنْوَانٌ دَانِيَةٌ وَجَنَّاتٍ مِنْ أَعْنَابٍ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُشْتَبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ انْظُرُوا إِلَى ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَيَنْعِهِ إِنَّ فِي ذَلِكُمْ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ. وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ وَخَرَقُوا لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يَصِفُونَ. بَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَنَّى يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ. ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ. لَا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ﴾

«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، كۈننى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ تەقدىرىدۇر. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۈچۈن بىر قارارگاھ ۋە بىر ئامانەت قويۇلىدىغان جاي بار. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر نەرسىنىڭ ئۆسۈملۈكىنى چىقاردۇق. ئۇ ئۆسۈملۈكتىن بىر نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، زەيتۇن ۋە ئانار قاتارلىقلارنى چىقاردۇق. بۇلارنىڭ بەزىسى ئوخشىشىدۇ، بەزىسى ئوخشاشمايدۇ. ھەر بىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ قانداقمۇ بالىسى بولسۇن، ئۇنىڭ جۈپتى بولمىغان تۇرسا! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر. كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر!»- 6- سۈرە ئەنئام، 95~103.

﴿إِنَّ رَبَّكُمُ اللّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ يُدَبِّرُ الأَمْرَ مَا مِن شَفِيعٍ إِلاَّ مِن بَعْدِ إِذْنِهِ ذَلِكُمُ اللّهُ رَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ أَفَلاَ تَذَكَّرُونَ﴾

«شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتقان، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولغان ئاللاھتۇر. ئۇ ئىشلارنى پىلانلايدۇ. ئۇ رۇخسەت بەرمىگۈچە ھېچكىم شاپائەت قىلالمايدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئويلانمامسىلەر؟»- 10-سۈرە يۇنۇس، 3 – ئايەت.

﴿قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ أَمَّنْ يَمْلِكُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَمَنْ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَنْ يُدَبِّرُ الْأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللَّهُ فَقُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ. فَذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمُ الْحَقُّ فَمَاذَا بَعْدَ الْحَقِّ إِلَّا الضَّلَالُ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا قورقمامسىلەر؟‏ ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەقىقىي رەببىڭلاردۇر. ھەقىقەتتىن كېيىن ئازغۇنلۇقتىن باشقا نېمە بار؟ سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟!›»- 10-سۈرە يۇنۇس، 31~ 32.

﴿قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَى كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَى﴾

«مۇسا: ‹بىزنىڭ رەببىمىز، ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر› دېدى»- 20-سۈرە تاھا، 50 – ئايەت.

﴿يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ كُلٌّ يَجْرِي لِأَجَلٍ مُّسَمًّى ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ﴾

«ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە قەدەر ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگىمۇ ئىگە بولالمايدۇ»- 35-سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت.

﴿خَلَقَكُم مِّن نَّفْسٍ وَاحِدَةٍ ثُمَّ جَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَأَنزَلَ لَكُم مِّنْ الْأَنْعَامِ ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ يَخْلُقُكُمْ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ خَلْقاً مِن بَعْدِ خَلْقٍ فِي ظُلُمَاتٍ ثَلَاثٍ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ لَهُ الْمُلْكُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُصْرَفُونَ﴾

«ئۇ سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ جۈپتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ، جەمئىي سەككىز تۇياق ھايۋان چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا ئۈچ قات قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ يارىتىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەر قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- 39-سۈرە زۇمەر، 6 - ئايەت.

﴿اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ. ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەردى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ.‏ ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟»- 40-سۈرە غافىر، 61~ 62.

﴿اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَاراً وَالسَّمَاء بِنَاء وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ ذَلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ﴾

«ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ ، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈرگەن، سىلەرگە پاكىز رىزىقلار بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ!»- 40-سۈرە غافىر، 64 – ئايەت.

﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ. خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ. اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ. الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ. عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ﴾

«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن! ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، ئىنسانغا ئۇنىڭ بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى»- 96- سۈرە ئەلەق، 1~5.

4) رەھمان، رەھىم

 رەھمان ۋە رەھىم- رەھمەت سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىككى مۇبالىغە ئىسىم (ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ كېڭەيگەن ئىككى شەكلى)دۇر. رەھمەت- ياخشىلىق قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان ئىچ ئاغرىتىش دېگەن بولۇپ، بەزىدە ئىچ ئاغرىتىشنىلا، بەزىدە ياخشىلىق قىلىشنىلا ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ پېئىلى بولۇپ كەلگەندە پەقەت ياخشىلىق قىلىشنىلا ئىپادىلەيدۇ[6]. ئەرەبچىدە كېڭەيگەن ئىسىملەر ئادەتتە ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بەزى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە رەھمان ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىشلىتىلمىگەن، رەھىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈنمۇ (9- سۈرە تەۋبە، 128- ئايەت)، مۇئمىنلار ئۈچۈنمۇ (48- سۈرە فەتىھ، 29- ئايەت) ئىشلىتىلگەن. پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:

رەھمان

رەھمان سان-ساناقسىز ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىقلار، يارىتىش ۋە ماددىي، مەنىۋى پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئاللاھ تائالا رەھمان سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلغان، رەھمان (الرَّحْمَنُ) كەلىمىسىنى ئۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى قىلغان، كېيىنكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ جىن ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىنى ئەسلەتكەن. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمان ئىسمى بىلەن ئاتا قىلغانلىقىنى ۋە رەھماننىڭ مەنىسىنىڭ بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  

شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا يەرلىرىدە رەھمان ئىسمى رەھىم ئىسمىدىن ئىلگىرى زىكىر قىلىنغان ۋە رەھمان ئىسمى يالغۇز زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز نېمەتلىرى ۋە دائىمىي ياخشىلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردە (فاتىھەدە) «رەببىلئالەمىين»دىن كېيىن «رەھمان» كەلگەن. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى يارىتىشى، باشقۇرۇشى ۋە بېقىشى ئۆزىنىڭ رەھمان ئىسمىنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا يارىتىش، بېقىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلغانلىق يارىتىلغان، بېقىلغان ۋە باشقۇرۇلغان نەرسىلەر ئۈچۈن چەكسىز ياخشىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان كەرىمدە كەلگەن رەھمان كەلىمىسىنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇنداق كەلگەن. رەھمان كەلىمىسى ئۆتكەن ئايەتلەرنى ئالدى-كەينىدىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە زەن سېلىپ ئوقۇغان ھەر كىشى بۇنى پەرق ئېتىدۇ.

رەھىم

قۇرئان كەرىمدە رەھىم كەلىمىسى ئاللاھ تائالانىڭ خۇسۇسىي رەھمىتى (ياخشىلىقى) زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە كەلگەن. مەسىلەن: ئادەم ئەلەيھىسسىالامنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە[7]، گۇناھىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ئايەتلەردە[8]، «ھۆكۈملىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشى»نىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە[9] ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن.

شۇنىڭدەك، چارىسىز قالغانلارغا جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغۇدەك مىقداردا ھارام يېيىشكە رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە[10]، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان كىشىگە پەزلىنى ئاتا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئايەتتە[11]، بەزى كىشىلەرگە ئاتا قىلىنغان خۇسۇسىي نېمەتلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئاخىرلىرىدا[12] ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. جەننەت ئەھلىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىمۇ[13] «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ رەھمان ئىكەنلىكىنى، كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى يارىتىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنغانلىقى[14] ئېتىبارى بىلەن «رەھمان»، تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەن ۋە ئەپۇ تىلىگەنلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغانلىقى، ھەر كىشىگە ئالاھىدە نېمەت ئاتا قىلغانلىقى، ئاز ئەمەلگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقى، قىسقا مۇددەتلىك بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى پۈتمەس-تۈگىمەس نازۇنېمەتلەر[15] ۋە ئۆز رازىلىقى[16] بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى ئېتىبارى بىلەن «رەھىم»دۇر.

پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن، ئاللاھ تائالانىڭ «رەھمان» (رحمان) دېگەن چىرايلىق ئىسمىنىڭ مەنىسى «ياخشىلىقى چەكسىز، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى» دېگەن بولىدۇ. «رەھىم»غا كەلسەك، ئۇنىڭ مەنىسى «كۆپ ئىنئام قىلغۇچى، يەنى تېگىشلىك بولغىنىدىن كۆپ ئاتا قىلغۇچى» دېگەنلەردىن ئىبارەت.

5) «مالىكى يەۋمىددىن»

① مالىك

«مالىك» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىگەن: بىرى مۇشۇ يەردە، يەنە بىرى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتىدە. مەنىسى «ئىگە» دېگەن بولىدۇ.

② يەۋمىددىن

بۇ ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە 13 يەردە «يەۋمىددىن، يەۋمۇددىن، يەۋمەددىن» دېگەن شەكىللەردە كېلىدۇ[17]. «يەۋم»نىڭ «م»سى قانداق ئوقۇلسا ئوقۇلسۇن مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ يەردە «مالىك»نىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بولۇپ «يەۋمىددىن» دېگەن شەكىلدە كەلگەن. «مالىك» ئىگە، «يەۋم» كۈن دېگەن بولىدۇ. «دىن»نىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە 80 قېتىمغا يېقىن يەردە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئىسىم ھالىتىدە كېلىدۇ ۋە بىلىنگەن «دىن» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئىككى يەردە مەسدەر ھالىتىدە كېلىپ، بىر يەردە جازالاش مەنىسىدە[18]، يەنە بىر يەردە جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش مەنىسىدە[19] كەلگەن.

③ مەنىسى

ئەگەر بۇ ئايەتتىكى «دىن» كەلىمىسى ئىسىم بولغاندا، «مالىكى يەۋمىددىن»نىڭ مەنىسى «دىننىڭ ھېسابى سورىلىدىغان كۈنىنىڭ ئىگىسى»، ئەگەر مەسدەر بولغاندا «جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش كۈنىنىڭ ئىگىسى» دېگەن شەكلىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممە كۈننىڭ ئىگىسى تۇرۇقلۇق، بۇ ئايەتتە «دىن كۈنىنىڭ ئىگىسى» دېيىلىشى، ئۇ كۈندىكى جازالاش ۋە مۇكاپاتلاشنى ياكى دىننىڭ ھېسابىنى ئېلىشنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىلا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ھېچكىم ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر[20].

6) ئىبادەت ۋە ئىستىئانەت

ئىبادەت

«ئىبادەت»نىڭ مەنىسى تەزىم قىلىش يۈزىسىدىن ئىتائەت قىلماق، ئېھتىرام قىلىش يۈزىسىدىن بويسۇنماق ۋە ياخشى كۆرۈش يۈزىسىدىن ئەيمەنمەك دېگەن بولۇپ[21] دىل، تىل، بەدەن ۋە مال بىلەن ئادا قىلىنىدۇ[22]. ئۇلاردىن بىرەرىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ ۋە ئەسلا كەچۈرۈلمەيدۇ[23].

② ئىستىئانەت

«ئىستىئانەت» ياردەم (مەدەت) تەلەپ قىلماق دېگەن بولۇپ، ئىنسان ئىنساندىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا بىرەر ئىشنى قىلىشتا ھەمكارلىشىشنى، ئىنسان ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا ئاللاھقا يېلىنىپ، ياخشىلىق تەلەپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

بىراۋنىڭ كۈچى يېتىدىغان، قولىدىن كېلىدىغان ۋە ياردەم قىلالايدىغان ئىشلاردا ئۇ بىراۋدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ[24]. ياردەم قىلالايدىغانلارنىڭ موھتاجلارغا ياردەم تەلەپ قىلمىسىمۇ ياردەم قىلىشى ياخشى ئىشتۇر[25]، ھەتتا مۇھىم ئىشتۇر[26]. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى مۇرادىغا يېتىشتە ئاجىزلىق ھېس قىلىدىكەن، كۈچى يېتىدىغان بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا ئەقىلغا ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ.

ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا بولسا، پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك. بۇ ئايەتتە ئۆگىتىلگىنى مانا مۇشۇ تۈرلۈك ياردەم تەلەپ قىلىشتۇر. بۇ خىل ياردەمنى ئاللاھتىن غەيرىيدىن تەلەپ قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ۋە كۇفرىلىق قىلغانلىق بولىدۇ[27]. چۈنكى بۇ ئۇ «غەيرىي»نى ئەھۋالىمنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قەيەردە بولسام ۋە قايسى تىل بىلەن چاقىرسام ماڭا ياردەم قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغانلىق بولىدۇ. بۇلار بولسا پەقەت ئاللاھنىڭلا سۈپىتىدۇر[28].

7) ھىدايەت ۋە توغرا يول

ھىدايەت

«ھىدايەت»نىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار:

1- باشلىماق، دەۋەت قىلماق، يېتەكلىمەك، كۆرسەتمەك. بۇنى ئاللاھ تائالا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى قىلىدۇ.

2- توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلماق، توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلماق، توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلماق. بۇنى پەقەت ئاللاھ قىلىدۇ. «ھىدايەت»تىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرگە ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىغا ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا قاراپ، يۇقىرىدىكى مەنىلەردىن بىرنى ياكى بىرقانچىسىنى بېرىشكە بولىدۇ.

توغرا يول

«توغرا يول (سىراتى مۇستەقىم)» ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنْ اعْبُدُونِي هَذَا صِرَاطٌ مُّسْتَقِيمٌ﴾

«ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»- 36- سۈرە ياسىن، 61- ئايەت[29].

ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش- يۇقىرىدىكى «ئىبادەت»نىڭ ئېنىقلىمىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ئاللاھقا تەزىم قىلىش يۈزىسىدىن ئىتائەت قىلىش، ئېھتىرام قىلىش يۈزىسىدىن بويسۇنۇش ۋە ياخشى كۆرۈش يۈزىسىدىن ئەيمىنىش دېگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمىرىلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىتائەت قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا 6- سۈرە ئەنئامنىڭ 151- ۋە 152- ئايىتىدە مۇھىم بىر قىسىم ئەمر-پەرمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن 153- ئايىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ «توغرا يولى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇش قۇرئانغا چىڭ ئېسىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِي أُوحِيَ إِلَيْكَ إِنَّكَ عَلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴾

«ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. شۈبھىسىزكى، سەن توغرا يولدىسەن»- 43- سۈرە زۇخرۇف، 43- ئايەت،

﴿الَر كِتَابٌ أَنزَلْنَاهُ إِلَيْكَ لِتُخْرِجَ النَّاسَ مِنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ بِإِذْنِ رَبِّهِمْ إِلَى صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ﴾

«ئەلىف، لام، را. ئى مۇھەممەد! بۇ شۇنداق كىتابكى، بىز ئۇنى ساڭا ئىنسانلارنى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا، يەنى ئەزىز ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زاتنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق»- 14-سۈرە ئىبراھىم، 1 – ئايەت.

دېمەككى، توغرا يول قۇرئانغا ئېسىلىشتۇر. قۇرئانغا ئېسىلىش ھەر تۈرلۈك قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىپ، يورۇقلۇققا ئېرىشىشتۇر. قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىمۇ مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.«بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن»نىڭ مەنىسى «بىزنى توغرا يولۇڭدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلغىن، بىز سېنىڭ يولۇڭغا كەلدۇق، قوبۇل قىلغىن» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.

8) ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار

ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار- نەبىيلەر، راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلاردۇر[30].

9) غەزەپكەيولۇققانلار

1- يەھۇدىيلار[31].

2- مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەنلەر[32].

3- ھەقىقەتكە قارشى تەرسالىق قىلغانلار[33].

4- جەڭ مەيدانىدىن قاچقانلار[34].

5- مۇرتەدلەر[35].

6- تۇزكورلار[36].

7- ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىدىغانلار[37].

8- ئېرىگە تۆھمەت قىلغان ئايال[38].

9- مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار،

10- مۇشرىك ئەر ۋە مۇشرىك ئاياللار[39].

10) ئازغۇنلار

1- ئاللاھنىڭ كالامىنى يالغان دېگۈچىلەر[40].

2- ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار[41].

3- ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار[42].

4- دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر[43].

5- گۇمانغا ئەگەشكەنلەر[44].

6- دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلەر[45].

7- ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر[46].

8- فاسىقلار[47].

9- ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلغانلار[48].

10- ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ۋەلىي قىلىۋالغانلار[49].

11- زالىملار[50].

12- ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلار[51].

13- ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلار[52].

14- ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار[53].

15- قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئىنكار قىلغانلار[54].

16- مۇنافىقلار[55].

17- ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى يوشۇرغانلار[56].

18- كافىرلار[57].

19- مۇشرىكلار[58].

20- دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرى ۋە ماللىرىغا ئالدىنىپ، ھەقتىن يىراقلاشقانلار[59].

21- دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئەلا بىلگەن ۋە ئۈستۈن تۇتقانلار[60].

22- ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەنلەر[61].

23- ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يىراقلاشقانلار[62].

24- ئاللاھنىڭ كىتابىدىن دەلىل كەلتۈرمەستىن ئاللاھ توغرىسىدا گەپ قىلغانلارغا ئەگەشكەنلەر[63].

25- يامان ئادەمنى دوست تۇتقانلار[64].

26- راستنى يالغان دېگەنلەر[65].

4- ئىلاۋىلەر

1) فاتىھەنىڭ نۇرىدا بەزى مۇلاھىزىلەر

«بىز»نىڭ ئەھمىيىتى

ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش، ياردەمنى ئاللاھتىنلا تىلەش ۋە ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەش پېئىللىرى كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن. بۇ دالالەت قىلىدۇكى، ئېتىقادتا بىرلىك چۈشەنچىسى، ئەمەلدە ھەمكارلىق روھى ۋە مەنپەئەتتە كوللېكتىپچىلىق ئېڭى مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى بىر-بىرىگە مەسئۇل قىلغان[66].

ھەر كىشى خەتەر ئاستىدا

   ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھ تائالانى چىرايلىق ئىسىملىرى بىلەن تونۇش، قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا مۇكاپات ۋە يامانلىققا جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەۋھىد، ئىبادەت ۋە دۇئا توغرىسىدا لايىق رەۋىشتە ئىرادە بايان قىلىش، شۇنداقلا توغرا يولغا كىرىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەقتە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن[67].    

③ ئازغۇنلار زىيان ئىچىدە

يۇقىرىدا 26 تۈرلۈك ئازغۇن كىشىلەر بايان قىلىندى. ئۇلار تەۋبە قىلىشى، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە توغرا يولغا قايتىشى لازىم. چۈنكى «توغرا يول ئاللاھنىڭلا يولىدۇر»[68]. توغرا يولنى ئازغۇنلۇققا تېگىشكەنلەر تامامەن زىيانغا ئۇچراپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر[69].

④ غەزەپكە يولۇققاندىن قاچ

يۇقىرىدا 10 تۈرلۈك كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدىغانلىقى بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلىگەن ۋە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[70].

2) مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر

نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش

فاتىھە سۈرىسىنى بىلىدىغانلار بۇ سۈرىنى ھەر نامىزىنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئوقۇشى كېرەك[71]. بۇنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنداق: «ئۇممۇلقۇرئاننى يەنى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماستىن ناماز ئۆتىگەن كىشىنىڭ نامىزى كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر»[72].

ناماز ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ئۆتىلىدۇ[73]. ئاللاھنىڭ زىكرى ئاللاھنى ياد ئەتمەك[74] ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان[75] دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق نامازنى ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ئوقۇغان بولىدۇ.

② «ئامىين» دېيىش

فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ «ئامىين» دېيىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى يېرىمى دۇئادۇر، دۇئا قىلغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئامىين (ئىجابەت قىل) دېيىشى ياخشىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئامىين دېگەندە سىلەرمۇ ئامىين دەڭلار».[76]

بۇخارىدا كەلگەن باشقا بىر رىۋايەت مۇنداق: «نامازدا فاتىھەنى ئوقۇغان كىشى (يەنى ئىمام) ئامىين دېگەندە سىلەرمۇ ئامىين دەڭلار...».[77]

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ﴿غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ ئايىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سوزغان ھالدا «ئامىين!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم[78].

«ئامىين» دېيىشنىڭ شەكلىدە ئىختىلاپ

كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ ئاخىرقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، فاتىھەنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىمام بولسۇن، جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «ئامىين!» دېيىشى لازىم دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ بولسا، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئامىين»نى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىل» دېمەكتۇر، يەنى بۇ سۆز دۇئادۇر. «رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار» (7- سۈرە ئەئراف، 55- ئايەت) دېگەن مەنىدىكى ئايەتكە ئاساسەن دۇئادا ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدى سەپلەردىكىلەرگە ئاڭلاتقۇدەك بىر شەكىلدە «ئامىين» دېيىشى، باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن فاتىھەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىماممۇ جامائەتمۇ پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن «ئامىين» دېيىشى لازىم[79].

 

ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي!

- ئەنەس ئالىم

م ‏2018‏-07‏-19/ھ ‏1439‏-11‏-07.

 

 

 

مەزكۇر تەپسىرنىڭ پ د ف نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرەلەيسىز: چۈشۈرۈڭ

 

داۋامى بار ...

 

 

 

[1]«قۇرئان» ئەسلىدە مەسدەر (تۈپ سۆز) بولۇپ مەنىسى «ئوقۇماق» دېگەن بولىدۇ. لېكىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە ئوقۇلىدىغان كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى مەپئۇل (ھەرىكەت ئوبيېكتى نامى) مەنىسىدە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىسى «قۇرئان» دېيىلگەندەك، بىر قىسمى، ھەتتا بىر ئايىتىگىمۇ «قۇرئان» دېيىلىدۇ. (قۇرئان كەرىم ۋە ئاچىقلامالى مەئالى، خەيرۇددىن قارامان ۋە ھەيئىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005، 7- بەت.)

[2] بۇخارى، تەپسىر 1؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 26؛ تىرمىزى، فاتىھەنىڭ پەزىلىتى بابى 2875- نومۇرۇق ھەدىس.

[3] ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، سالات 1245؛ تىرمىزى، سۇنەن، تەفسىر، سۈرە ھىجر، 3049.

[4] خىلمۇخىل مەھسۇلاتلارنى.

[5] بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەنداد «أنداد»دۇر. ئەنداد نىددنىڭ كۆپلۈكىدۇر. نىدد ئاللاھقا ئوخشاش بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قارالغان ۋە ئاللاھقا قارشى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىدۇر (ئىبنى مەنزۇر، لىسانۇل ئەرەب، ن د د ماددىسى. دارۇسسەدر، بېيرۇت، 3- توم، 420- بەت). بۇ سۈپەتتىكى نەرسە بۇت ئەمەس، بۇتلاشتۇرۇلغان شەخسلەردۇر. 165- ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.

[6]راغىب ئىسفەھانى (ۋاپاتى: 502 ھ)، مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان؛ فىرۇز ئابادىي (ۋاپاتى: 817 ھ)، بەسائىرۇ زەۋىتتەميىيزى، ر ھ م ماددىسى. ناسىرۇددىن ئەبۇلخەير ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد بەيداۋى (ۋاپاتى: 691 ھ)، ئەنۋارۇتتەنزىل ۋە ئەسرارۇتتەئۋىل، 1- جىلد، 3- بەت.

[7]2- سۈرە بەقەرە، 37- ئايەتتە.

[8]2- سۈرە بەقەرە، 160- ئايەت، 4- سۈرە نىسا، 110- ئايەت ۋە 6- سۈرە ئەنئام، 54- ئايەت، 7- سۈرە ئەئراف، 153- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 119- ئايەت، 24- سۈرە نۇر، 5- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردە.

[9]9- سۈرە تەۋبە ، 118 – ئايەت.

[10]2- سۈرە بەقەرە، 173؛ 5- سۈرە مائىدە، 3- ئايەت؛ 6- سۈرە ئەنئام، 145- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 115- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردە.

[11]10- سۈرە يۇنۇس، 107- ئايەتتە.

[12] 4- سۈرە نىسا، 96- ۋە 100- ئايەت؛ 16- سۈرە نەھل، 5~7.

[13]36- سۈرە ياسىن، 55-~58؛ 41- سۈرە فۇسسىلەت، 32- ئايەتتە.

[14] «ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى» (بەقەرە 2/29. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: ئىبراھىم 14/32-33؛ نەھل 16/12، 14؛ ھەج 22/36، 37، 65؛ ئەنكەبۇت 29/61؛ لۇقمان 31/20، 29؛ فاتىر 35/13؛ جاسىيە 45/12-13).

[15] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 5- ئايىتىنىڭ ئاخىرقى ئىزاھاتى.

[16] قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 15- ئايەت؛ 9- سۈرە تەۋبە، 72- ئايەت؛ 5- سۈرە مائىدە، 119- ئايەت؛ 58- سۈرە مۇجادەلە، 22- ئايەت؛ 98- سۈرە بەييىنە، 8- ئايەت.

 [17] قاراڭ: 1- سۈرە فاتىھە، 4- ئايەت؛ 15- سۈرە ھىجر، 35- ئايەت؛ 26- سۈرە شۇئەرا، 82- ئايەت؛ 37- سۈرە ساففات، 20- ئايەت؛ 38- سۈرە ساد، 78- ئايەت؛ 51- سۈرە زارىيات، 12- ئايەت؛ 56- سۈرە ۋاقىئە، 56- ئايەت؛ 70- سۈرە مەئارىج، 26- ئايەت؛ 74- سۈرە مۇددەسسىر، 46- ئايەت؛ 82- سۈرە ئىنفىتار، 15-، 17- ۋە 18- ئايەتلەر؛ 83- سۈرە مۇتەففىفىين، 11- ئايەت.

[18] 24- سۈرە نۇر، 25- ئايەتتە.

[19] 51- سۈرە زارىيات، 6- ئايەتتە.

[20] قاراڭ: 82- سۈرە ئىنفىتارنىڭ 19- ئاايىتى.

[21] مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، لىسانۇل ئەرەب ۋە باشقا ئەرەبچە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى.

[22] بۇ ئىبادەتلەر ھەققىدە «لازىملىق دىنى ئىلىملەر»دە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. قاراڭ: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر -1-2017، 1- نەشرى، 1- باسمىسى، ئىستانبۇل، 2- ۋە 3- بەتلەر.

[23] قاراڭ، 4- سۈرە نىسا، 48- ۋە 116- ئايەتلەر.

[24]- قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى (كەھف 18/94-96)، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى (قەسەس 28/15) زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىرايىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[25]- «كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ»- (مۇسلىم، سەھىھ، زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار، 11، 38 - (2699)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەدەب، 4946؛ تىرمىزى، سۇنەن، ھۇدۇد 1345، ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە 1930، ئەبۋابۇل قىرائات 2945؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، ئىفتىتاھۇل كىتاب، 17/ 225).

[26]- «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار»- 5- سۈرە مائىدە، 2- ئايەت.

[27]- قاراڭ: 10- سۈرە يۇنۇس، 106~107؛ 23- سۈرە مۇئمىنۇن، 117- ئايەت؛ 35- سۈرە فاتىر، 13~15؛ 46- سۈرە ئەھقاف، 4~6.

[28]- 7- سۈرە ئەئراف، 180- ئايەت؛ 17- سۈرە ئىسرا، 110- ئايەت؛ 20- سۈرە تاھا، 8- ئايەت؛ 19- سۈرە مەريەم، 93- ئايەت؛ 59- سۈرە ھەشر، 24- ئايەت.

[29]ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 3- سۈرە ئال ئىمران، 51- ئايەت؛ 19- سۈرە، مەريەم، 36- ئايەت؛ 43- سۈرە زۇخرۇف، 64- ئايەت.

[30] قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 69- ئايەت.

[31] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 61- ۋە 90- ئايەت؛ 3- سۈرە ئال ئىمران، 112- ئايەت؛ 5- سۈرە مائىدە، 60- ئايەت؛ 7- سۈرە ئەئراف، 152- ئايەت.

[32] قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 93- ئايەت.

[33] قاراڭ: 7- سۈرە ئەئراف، 71- ئايەت.

[34]قاراڭ: 8- سۈرە ئەنفال، 16- ئايەت.

[35]قاراڭ: 16- سۈرە نەھل، 106- ئايەت.

[36]قاراڭ: 20- سۈرە تاھا، 81- ئايەت.

[37]قاراڭ: 42- سۈرە شۇرا، 16- ئايات.

[38]قاراڭ 24- سۈرە نۇر، 9- ئايەت.

[39]قاراڭ: 48- سۈرە فەتىھ 6- ئايەت.

[40]قاراڭ: 23- مۇئمىنۇن، 105~106.

[41]قاراڭ: 5- سۈرە مائىدە، 12- ئايەت.

[42]قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 167- ئايەت.

[43]قاراڭ: 5- سۈرە مائىدە، 77- ئايەت.

[44] قاراڭ: 6- سۈرە ئەنئام، 116- ئايەت.

[45]قاراڭ: 14- سۈرە ئىبراھىم، 3- ئايەت.

[46]قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 116 ئايەت.

[47]قاراڭ: 5- سۈرە مائىدە، 108- ئايەت؛ 6- سۈرە ئەنئام، 77- ئايەت.

[48]قارڭ: 46- سۈرە ئەھقاف، 5- ئايەت؛ 22- سۈرە ھەج، 12- ئايەت.

[49]قاراڭ: 7- سۈرە ئەئراف، 30- ئايەت.

[50]قاراڭ: 19- سۈرە مەريەم، 38- ئايەت.

[51]قاراڭ: 33- سۈرە ئەھزاب، 36- ئايەت.

[52]قاراڭ: 39- سۈرە زۇمەر، 22- ئايەت.

[53]قاراڭ: 46- سۈرە ئەھقاف، 32- ئايەت.

[54]قاراڭ: 42- سۈرە شۇرا، 18- ئايەت.

[55]قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 8~16.

[56]قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 174~175.

[57]قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 136- ئايەت.

[58]قاراڭ: 4- سۈرە نىسا، 116- ئايەت؛ 14- سۈرە ئىبراھىم، 30- ئايەت.

[59]قاراڭ: 10- سۈرە يۇنۇس، 88- ئايەت.

[60]قاراڭ: 14- سۈرە ئىبراھىم، 3- ئايەت.

[61]قاراڭ: 12- سۈرە يۇسۇف، 30- ئايەت.

[62]قاراڭ: 20- سۈرە تاھا، 52- ئايەت؛ 31- سۈرە لۇقمان، 6- ئايەت.

[63]قاراڭ: 22- سۈرە ھەج، 8~9.

[64]قاراڭ: 25- سۈرە فۇرقان، 28~29.

[65]قاراڭ: 68- سۈرە قەلەم، 7~8.

[66]قاراڭ: 3- سۈرە ئال ئىمران، 104-، 110- ۋە 114- ئايەتلەر؛ 9- سۈرە تەۋبە، 71- ۋە 112- ئايەتلەر؛ 22- سۈرە ھەج، 41- ئايەت؛ 103- سۈرە ئەسىر، 1~3.

[67]مۇشۇ سۈرىنىڭ 6- ئايىتىدە ۋە 3- سۈرە ئال ئىمراننىڭ 8- ئايىتىدە ئۆگەتكەن.

[68] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە 120- ئايەت؛ 3- سۈرە ئال ئىمران، 73- ئايەت؛ 6- سۈرە ئەنئام، 41- ئايەت.

[69] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 116- ئايەت؛ 4- سۈرە نىسا، 119- ئايەت؛ 18- سۈرە كەھف، 17- ئايەت؛ 22- سۈرە ھەج، 11- ئايەت؛ 39- سۈرە زۇمەر، 15- ئايەت.

[70] قاراڭ: 58- سۈرە مۇجادەلە، 15- ئايەت؛ 60- سۈرە مۇمتەھىنە، 13- ئايەت.

[71] فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماق ھەنەفىيە مەزھىپىدە نامازنىڭ ئەركانى يەنى نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئاساسى ئەمەس، ۋاجىبىدۇر. باشقا ئۈچ مەزھەپتە نامازنىڭ قىرائىتىنىڭ ئەڭ ئاز مىقدارى ھەر رەكئەتتە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇشتۇر. بۇ مەزھەپلەرگە نىسبەتەن فاتىھە ئوقۇش نامازنىڭ بىر ئەركانىدۇر.

[72] مۇسلىم، سەھىھ، سالات 38 (395).

[73] قاراڭ: 20- سۈرە تاھا، 14- ئايەت.

[74] قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 198-، 200-، 203-، 239- ئايەتلىرى؛ 4- سۈرە نىسا، 103- ئايىتى؛ 8- سۈرە ئەنفال، 45- ئايىتى؛ 33- سۈرە ئەھزاب، 41- ئايىتى؛ 62- سۈرە جۇمۇئە، 10- ئايىتى.

[75] قاراڭ: 15- سۈرە ھىجر، 9- ئايەت.

[76] بۇخارى، سەھىھ، ئەزان 112؛ مۇسلىم، سەھىھ، سالات 72 (410)؛ مالىك ئىبنى ئەنەس، مۇۋەتتا، سالات 44؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، سالات 172؛ تىرمىزى، سۇنەن، سالات 185؛ نەسەئى، سۇنەن، ئىفتىتاھ 34-35؛ ئىبنى ماجە، سۇنەن، ئىقامەت 14.

[77] بۇخارى، سەھىھ، دەئەۋات 63.

[78] تىرمىزى، سۇنەن، سالات 184؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، سالات 167-168.

[79]ئەھمەد نەئىم، سەھىھ بۇخارى مۇختەسەرى تەجرىدى سەرىھ تەرجىمىسى، تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقانلىقى نەشرىياتى، 6- باسمىسى، ئەنقەرە، 1980، 2- جىلد، 779- بەت، 435- ھەدىسنىڭ شەرھى.