ئىزاھات

‏ ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ﴾ «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!» - (96- سۈرە ئەلەق، 1- ئايەت). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئى ئوقۇغۇچى! ئوقۇغان چېغىڭدا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن ۋە تىلغا ئالغىن، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئۇنىڭغا تېۋىنغىن؛ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتە پەقەت ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگىن دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 113 سۈرىنىڭ بېشىدا «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىگە ئىشنى مۇشۇنداق دەپ باشلاشنى ئۆگەتمەكتە. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: مەن بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ ئەمرى، يولغا قويۇشى ۋە رۇخسىتى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلايمەن، ئاللاھتىن ياردەم ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن، ئاللاھتىن بۇ ئىشنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، مەن ئۈچۈن خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن دېگەن بولىدۇ.‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى