ئىزاھات

‏ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى مۇھكەم ئايەتلەردۇر، بۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر، بۇلار بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئايەتلەردۇر (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 7 - ئايەت). مۇھكەم ئايەتلەر مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەر مەنە جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. 39 - سۈرە زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23 - ئايىتىنىڭ «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بولسا ئەنە شۇ ھەقىقەتنى تەكرارلايدۇ ۋە ئىككىنچى ئايەتتە «بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن» دەپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، قۇرئاننى ئاللاھتىن غەيرىي تەپسىر قىلغان تەقدىردە، بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ - دە، ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلغان بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھكەم ئايەتنى ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىدىغان باشقا ئايەتلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ، چىققان نەتىجىنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر. تەبلىغنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇدۇر.‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى