ئىزاھات

‏ تەفسىرلەردە «فەلەق»نىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: 1- سۈبھى، 2- پۈتۈن مەخلۇقاتلار، 3- بىر نەرسىنىڭ يېرىلىشىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر نەرسە، مەسىلەن: قاراڭغۇلۇقنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان سۈبھى، ئۇرۇقنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان بىخ، ئۇرۇقچىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان نوتا، 4- دوزاختا بىر زىندان، 5- دوزاختا بىر دەرەخ، 6- دوزاخنىڭ ئىسىملىرىدىن بىر ئىسىم (قاراڭ: ئىبنى جەۋزى، زالدۇلمەسىر). بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاۋۋالقى ئۈچى باشقىلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈكتۇر، چۈنكى بۇ مەنىگە باشقا ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەتنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، كۈننى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ تەقدىرىدۇر»- (6- سۈرە ئەنئام، 95~96- ئايەتلەر).‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى