ئىزاھات

يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرگىنى «نەجم - نجم» ئەمەس، «كەۋكەب - كوكب»دۇر. «نەجم» يۇلتۇز، «كەۋكەب» پلانېتا دېگەن بولىدۇ (قاراڭ: ئەھمەد مۇختار ئابدۇلھەمىد ئۆمەر، «كەۋكەب»، ھازىرقى زامان ئەرەب تىلى لۇغىتى (ئالەمۇل كۇتۇب، 1429 ھ /2008 م)، 3: 1971، «نەجم»، 3: 2173؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «كەۋكەب»، مۇئجەمۇلۋەسىت (قاھىرە: دارۇد دەئۋە، تارىخسىز)، 2: 793، «نەجم»، 2: 905). قۇرئان كەرىم بۇ ئايەتتە قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلارنىڭ سانىغا ئىشارەت قىلغان (زۇغلۇل نەججار، تەفسىرۇل ئاياتىل كەۋنىيە فىلقۇرئانىل كەرىم، 1 - باسمىسى (قاھىرە: مەكتەبەتۇش شۇرۇقىد دۇۋەلىيە، ھىجرىيە 1429 / مىلادىيە 2008)، 1: 361 - 362).
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى