ئىزاھات

‏ ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە زېمىننى سوزغانلىقىنى، 21 - سۈرە ئەنبىيانىڭ 30 - ئايىتىدە زېمىننىڭ ئاسمان بىلەن بىر تۇتاش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ ئىككىسىنى ئايرىغانلىقىنى، 51 - سۈرە زارىياتنىڭ 48 - ئايىتىدە زېمىننى تۆشەك قىلغانلىقىنى، 55 - سۈرە رەھماننىڭ 10 - ئايىتىدە زېمىننى قويغانلىقىنى، 78 - سۈرە نەبەئنىڭ 6 - ئايىتىدە زېمىننى بۆشۈك قىلغانلىقىنى، 79 - سۈرە نازىئاتنىڭ 30 - ئايىتىدە زېمىننى يايغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار بۇ ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلسا ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشىش ئاسانلىشىدۇ. ‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى