ئىزاھات

‏ بۇ يەردىكى «رۇھ» - ۋەھىي دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىگە 21 - سۈرە ئەنبىيانىڭ 45 - ئايىتى، 40 - سۈرە غافىرنىڭ 15 - ئايىتى ۋە 42 - سۈرە شۇرانىڭ 52 - ئايىتى دالالەت قىلىدۇ. «ۋەھىي»نىڭ «رۇھ» دېيىلىشى ئۇنىڭ بىلەن رۇھلار تىرىلگەنلىكى ئۈچۈندۇر (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 122 - ئايەت). پۈتۈن نەبىيلەرگە نازىل قىلىنغان «ۋەھىي»نىڭ ئورتاق ئىسمى «رۇھ»تۇر، مەزمۇنى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھقا تەسلىم بولۇڭلار»دىن ئىبارەتتۇر (قاراڭ: 14 - سۈرە ئىبراھىم، 52 - ئايەت؛ 18 - سۈرە كەھف، 110 - ئايەت؛ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 25 - ۋە 108 - ئايەتلەر؛ 16 - سۈرە نەھل، 36 - ئايەت؛ 41 - سۈرە فۇسسىلەت، 6 - ئايەت؛ 43 - سۈرە زۇخرۇف، 45 - ئايەت). ‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى