ئىزاھات

‏ كەھف چوڭ ئۆڭكۈر دېمەكتۇر. ئەرەبچىدە ئۆڭكۈرنىڭ كىچىكى غار، چوڭى كەھف دەپ ئاتىلىدۇ. تەفسىرلەردە رەقىم توغرۇلۇق ھەر خىل كۆزقاراشلار زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1 - يۇرت، 2 - ۋادى، 3 - كىتاب، 4 - ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىم - فامىلىلىرى ۋە قىسسەلىرى يېزىلغان تاش، 5 - شۇ ئۆڭكۈر بولغان تاغ، 6 - ئۇلارنىڭ ئىتى، 7 - ئۇلارنىڭ تەڭگە پۇلى. رەقىم دېگەن سۆز ئەسلىدە يېزىش، بەلگە قويۇش، نومۇر قويۇش دېگەن مەنىلەردىكى ر ق م ماددىسىدىن تۈرلەنگەن سۈپەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىلىرى ۋە قىسسەلىرى يېزىلغان تاش ياكى ئۇلارنىڭ تەڭگە پۇلى (چۈنكى تەڭگە پۇلنىڭ ئۈستىدە بىر قىسىم بەلگە ۋە نومۇرلار بولىدۇ) دېگەن بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى. ئەلھاسىل، بۇ يەردە كەھف ۋە رەقىم ئەھلى ئوخشاش بىر كىشىلەردۇر. ‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى