ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بىردىنبىر ئىلاھتۇر. ھېچقانداق شەيئى ۋە ھېچقانداق شەخس ئۇنىڭغا شېرىك بولالمايدۇ. ئەگەر شېرىك قىلىنسا ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئايەتتە «ئىلمىي ئاساسىڭ بولمىغان نەرسىنى» دېيىلىشى، «ماڭا شېرىك قىلىنغان ھېچبىر نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولۇشىغا ئىلمىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ھېچقانداق دەلىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا بۇ توغرىدا قارىغۇلارچە بويسۇنمىغىن، ماڭا شېرىك قىلىنماقچى بولغان نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولالىشىنى ئىلمىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلغىن، شۇنداق قىلساڭ ھېچبىر نەرسىنىڭ ماڭا شېرىك بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمايسەن، ئۆزۈڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلىيالمىغان ئىشنى ئاتا - ئاناڭ بۇيرىسىمۇ قىلمىغىن» دېمەكتۇر. بۇ يەردە ھەر قانداق ئىشتا ئىلمىي دەلىلنى ئاساس قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىنغان.
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى