ئىزاھات

«سۆز»نىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك كۆزقاراش بار: بىرىنچىسى ۋە ئەڭ مەشھۇرى، ئاللاھ تائالانىڭ ساد سۈرىسىنىڭ 85 - ئايىتىدە زىكىر قىلىنغان: «مەن جەھەننەمنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن تولدۇرىمەن» دېگەن مەنىدىكى سۆزى. بۇ تەقدىردە «سۆز ھەق بولدى»نىڭ مەنىسى - ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ سۆزى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى دېگەن بولىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاللاھ تائالا كىمنىڭ ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەنلىكى ئۈچۈن بەزىلەر ھەققىدە: «بۇ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ» دېگەن، بەزىلەر ھەققىدە: «بۇ ئىمان كەلتۈرىدۇ» دېگەن. ئۇ سۆز مانا بۇ سۆزدۇر. بۇ تەقدىردە «سۆز ھەق بولدى» دېمەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەققىدە «ئىمان كەلتۈرمەيدۇ» دېگەن سۆزى قەتئىيلەشتى. ئۈچىنچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ، ئىنسانلارغا ئەلچىلىرى ئارقىلىق دېگەن سۆزى. بۇ تەقدىردە «سۆز ھەق بولدى»نىڭ مەنىسى - ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكىگە ئېنىق بولدى دېگەن بولىدۇ. تۆتىنچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ دەرھال ئازاب قىلىش سۆزى. بۇ تەقدىردە «سۆز ھەق بولدى»نىڭ مەنىسى - ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ دۇنيادا ئازابلىنىشقا تېگىشلىك بولدى دېگەن بولىدۇ (فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇلغەيب، 26: 254).
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى