ئىزاھات

‏ ئاللاھ تائالا 6 - سۈرە ئەنئامنىڭ 152 - ئايىتىدە يېتىملارنىڭ ۋەلىيلىرىگە ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ياخشى يول بىلەن يېقىنلىشىش رۇخسىتى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەتتە بولسا يېتىملارنىڭ ماللىرىنى ۋەلىيلەرگە تىرىكچىلىك قىلىش ئاساسى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇ ماللارنى ئۇلار ئىشقا سالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭمۇ ماللىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، يېتىملارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك ئېھتىياجىنى ئۇ ماللار بىلەن ئەمەس، ئۇ ماللارنىڭ پايدىسى بىلەن قامدىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئۇ ئايەتتىكى (6 - سۈرە ئەنئام، 152 - ئايەت) «ياخشى يول»نىڭ ئۇ ماللارنى ئىشقا سېلىپ كۆپەيتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتتىكى «ئەمۋالەكۇم». «جەئەلە لەكۇم قىيامەن»، «ۋەرزۇقۇھۇم فىيھا ۋەكسۇھۇم» دېگەن ئىپادىلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. ‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى