ئىزاھات

‏ «ئۇنىڭدىن» توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك مەنە مۇمكىن: بىرى بۇ كىتابنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ئىچىڭدە ھېچ شەك - شۈبھە بولمىسۇن. بۇ مەنىگە 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ 147 - ئايىتى، 3 - سۈرە ئال ئىمراننىڭ 60 - ئايىتى ۋە 10 - سۈرە يۇنۇسنىڭ 49 - ئايىتى دالالەت قىلىدۇ. يەنە بىرى ئى مۇھەممەد! بۇ كىتابنى تەبلىغ قىلغىنىڭدا، قەۋمىڭنىڭ ساڭا ئېيتقان سۆزلىرى (قاراڭ: 15 - سۈرە ھىجر، 97 - ئايەت)، ۋە ھەقسىز تەلەپلىرى (قاراڭ: 11 - سۈرە ھۇد، 12 - ئايەت) يۈرىكىڭنى سىقىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتمىسا ئەپسۇسلىنىپ بىئارام بولۇۋاتىسەن. بۇ سېنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن (قاراڭ: 18 - سۈرە كەھف، 6 - ئايەت؛ 26 - سۈرە شۇئەرا، 3 - ئايەت). ئۇنداق قىلمىغىن، يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن، تەبلىغ قىلسام يەنە ئۇلار قالايمىقان گەپ قىلىدۇ، ھەقسىز تەلەپلەرنى قويىدۇ دەپ بۇ كىتابنى تەبلىغ قىلىشتىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن، تەبلىغنى داۋاملاشتۇرغىن، ئىمان ئېيتمىسا ئەپسۇسلانمىغىن، ئۆزۈڭگە ئارام بەرگىن. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ سېنىڭ تەبلىغىڭنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ئەركىنلىكى بار (قاراڭ: 18 - سۈرە كەھف، 29 - ئايەت؛ 76 - سۈرە ئىنسان، 3 - ئايەت). بەزىلەر بۇ ئەركىنلىكىنى رەت قىلىشتا ئىشلىتىدۇ. سەن ھەرھالدا تەبلىغ قىلغىن، «سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ پەقەتلا تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر» (قاراڭ: 13-سۈرە رەئد، 40- ئايەت). ‏
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى