ئىزاھات

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بۇلار ئەسلىدە نۇھنىڭ قەۋمىنىڭ بۇتلىرى ئىدى، كېيىن ئەرەبلەرگە يۆتكەلدى: ۋەد - دەۋمەتۇل جەندەلدىكى كەلب قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. سۇۋائـ - ھۇزەيل قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەغۇس باشتا مۇراد قەبىلىسىنىڭ، كېيىن سەبەئـ شەھرىنىڭ يېنىدىكى جۇرف دېگەن يەردە ياشايدىغان غۇتەيف قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. يەئۇق - ھەمدان قەبىلىسىنىڭ بۇتى بولدى. نەسر - ھىميەرنىڭ زىلكېلائـ خانىدانىنىڭ بۇتى بولدى. بۇ ئىسىملار ئەسلىدە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىدىن بىر قىسىم ياخشى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى ئىدى. ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن شەيتان ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە: «ئۇلار ھايات چېغىدا ئولتۇرغان يەرلەرگە ئۇلارنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەڭلار ۋە ئۇ ھەيكەللەرنى ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتاڭلار» دەپ يول كۆرسەتتى. ئۇلار شۇنداق قىلدى. ئۇ ھەيكەللەرگە دەسلەپتە ھېچكىم چوقۇنمىدى، تاكى ئۇ ھەيكەللەرنى تىكلىگەنلەر ۋاپات بولغان ۋە ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئۇنتۇلغاندىن كېيىن ئۇلارغا چوقۇنۇلدى (بۇخارى، «تەفسىر»، 71).
1

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى