ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 6 - سۈرە ئەنئامنىڭ 125 - ئايىتىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىغا (سۈننەتۇللاھقا) ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ قانۇن تۆۋەندىكىچە: 1 - ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ (قاراڭ: 13 - سۈرە رەئد، 27 - ئايەت؛ 42 - سۈرە شۇرا، 13 - ئايەت). 2 - ئاللاھ تائالا زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 258 - ئايەت؛ 3 - سۈرە ئال ئىمران، 86 - ئايەت؛ 5 - سۈرە مائىدە، 51 - ئايەت؛ 6 - سۈرە ئەنئام، 144 - ئايەت؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 19 - ۋە 109 - ئايەت؛ 28 - سۈرە قەسەس، 50 - ئايەت؛ 46 - سۈرە ئەھقاف، 10 - ئايەت؛ 61 - سۈرە سەف، 7 - ئايەت؛ 62 - سۈرە جۇمۇئە، 5 - ئايەت). 3 - فاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 5 - سۈرە مائىدە، 108 - ئايەت؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 24 - ۋە 80 - ئايەتلەر؛ 61 - سۈرە سەف، 5 - ئايەت؛ 63 - سۈرە مۇنافىقۇن، 6 - ئايەت). 4 - كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 264 - ئايەت؛ 5 - سۈرە مائىدە، 67 - ئايەت؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 37 - ئايەت؛ 16 - سۈرە نەھل، 107 - ئايەت). 5 - ئازغۇنلۇق يولىغا ماڭغان كىشىنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 16 - سۈرە نەھل، 37 - ئايەت)، 6 - يالغانچىنى، تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 39 - سۈرە زۇمەر، 3 - ئايەت)، 7 - ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، كاززاپنى ھىدايەت قىلمايدۇ (قاراڭ: 40 - سۈرە غافىر، 28 - ئايەت). بۇ قانۇن دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن ۋە ھەقنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىلى يورۇيدۇ، كۆزى ئېچىلىدۇ، پاك ھايات كەچۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىغان كىشى زالىم، كافىر، فاسىق، كاززاپ، ئازغۇن، تۇزكور، ھەددىدىن ئاشقۇچى قاتارلىقلاردىن بىرى بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلمىگەنلىكى، ھەقىقەتكە ئىنتىلمىگەنلىكى ۋە ھەقنى قوبۇل قىلمىغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تەبىئىي ھالدا ئۇ يامان سۈپەتلەرنىڭ بىرىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىر پاسكىنىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ پاسكىنىلىقى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ، ئۈستى - ئۈستىگە دۆۋىلىنىدۇ ۋە قاتمۇقات بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ بۇ پاسكىنىلىقنىڭ ئاستىدا قېلىپ تۈگىشىدۇ. ئۇ باشتىلا ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىمان ئېيتقان بولسا ئىدى، ئەقلىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئوخشاش پاك فىترىتىنى ساقلاپ قالغان، شۇنداقلا پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشكەن بولاتتى.
10

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى