ئىزاھات

بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەنداد «أنداد» دۇر. ئەنداد «نىدد»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. نىدد ئاللاھقا ئوخشاش بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قارالغان ۋە ئاللاھقا قارشى بىر قىسىم ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىنغان نەرسىدۇر (ئىبنى مەنزۇر، «نىدد»، لىسانۇل ئەرەب، ‹بېيرۇت: دارۇسادىر، ھ 1414›، 3: 420). بۇ سۈپەتتىكى نەرسە بۇت ئەمەس، بۇتلاشتۇرۇلغان شەخسلەردۇر. مۇشۇ سۈرە (بەقەرە) نىڭ 165 - ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدۇ.‏
10

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى