ئىزاھات

نۇھ ئاللاھ تائالانىڭ بىر پەيغەمبىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىنچى ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ (قاراڭ: 37 - سۈرە ساففات، 77 - ئايەت). ئىسمى قۇرئان كەرىمدە 50 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ ۋە 71 - سۈرە «نۇھ سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەبلىغ يولىدا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشتە ئۈلگىدۇر. قەۋمىنىڭ ئىچىدە 950 يىل تۇرۇپ نەسىھەت قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ (قاراڭ: 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 14 - ئايەت). ‏
10

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى