ئىزاھات

‎‏ بۇ ئايەتنىڭ «كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىكەن» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمىنىڭ ئەسلى كەلىمە تەرجىمىسى «كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالاردىن ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بەلگىلىگەن چېگرالارغا قارشى چېگرالار بەلگىلەيدىكەن»دۇر. ئاللاھ تائالا كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق چەك - چېگرالار بەلگىلىگەن ۋە ئىنسانلارغا ئۇ چەك - چېگرالارغا رىئايە قىلىشنى تاپىلىغان، شۇنداقلا ئۇ چەك - چېگرالارنى ئۆزگەرتكەن ياكى ئۇلاردىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ياكى ئۇلارغا قارشى باشقا چەك - چېگرالار بەلگىلىگەن كىشىلەرنىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلغانلار ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشىلىق قىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتنىڭ مەزكۇر قىسمى شۇنداق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ ئاخىرەتتە دۇچار بولىدىغان ئازابىنى بايان قىلىدۇ. 58 - سۈرە مۇجادەلەنىڭ 5 - ئايىتى بولسا ئۇلارنىڭ دۇنيادا دۇچار بولىدىغان ئازابىنى بايان قىلىدۇ.‏
10

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى