ئىزاھات

ئىبراھىم ئۆزى پەيغەمبەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئىككى ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئىسھاق، نەۋرىسى يەئقۇب پەيغەمبەر ئىدى؛ نەسلىدىن كۆپ پەيغەمبەر چىققان ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىكنى نۇھ بىلەن ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ (قاراڭ: 57 - سۈرە، ھەدىد، 26 - ئايەت)، بۇنى نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە بەرگەن (قاراڭ: 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 27 - ئايەت). ئىبراھىمنىڭ نەسلى ھەم نۇھنىڭ نەسلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. «ئىبراھىم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 63- قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. 14 - سۈرە «ئىبراھىم سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.‏
11

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى