ئىزاھات

‏ ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلەر 47 - سۈرە مۇھەممەدنىڭ 4 - ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە بەدەلسىز ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىلىدۇ. ئىسلام قوشۇنلىرىنىڭ باشلىقلىرى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇرغان ۋە فىديەلىرىنى دەرھال تۆلىيەلمىگەن ئەسىرلەر مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ ئەسىرلەر فىديەلىرىنى تۆلىگەنگە قەدەر ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدلارنىڭ ئۆيىدە قالىدۇ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى مەزكۇر مۇجاھىدلار قامدايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىدۇ، شۇنداقلا ئۆي ئىگىسى تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇلار خۇددى ئۇ ئۆينىڭ بىر ئەزاسىدەك بولۇپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسىر ئاياللار ئۆزلىرى خالىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ يېڭى ئائىلىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى تەقسىم قىلىنغان مۇجاھىدنىڭ رۇخسىتى بىلەن ياتلىق بولىدۇ. تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەرلىرىگە «ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار» دەپ ئۇلارغا ئۆز تويلۇقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ فىديەلىرىنى تۆلەپ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر. ‏
11

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى