ئىزاھات

‎‏ تەئۋىيل: بىر نەرسىنى بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىش دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ كافىرلار بۇ كىتابقا ئىمان ئېيتماي: «توختايلى ئاخىرى نەگە بارىدۇ» دەپ ئاخىرىنى كۈتىدۇ. ئىشنى ئەتە - ئۆگۈنگە قويىدۇ. ئاخىرەتكە ئىشىنىش ئۈچۈن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى، ئاخىرەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. لېكىن ئۇ كۈن كەلگەندە ئۆزلىرىدىن ھېچبىر ئەمەلنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.‏
11

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى