ئىزاھات

بۇ ئىپادىنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئېھتىمالى بار: 1- سىلەر ناھايىتى پەس ئادەملەرسىلەر، چۈنكى سىلەر ئاتاڭلارنى قاقشاتتىڭلار ۋە قېرىندىشىڭلار يۇسۇفكە زۇلۇم قىلدىڭلار. پۈتۈن بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا يۇسۇفكە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلارنى ۋە ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىسىلەر، ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقىغا ئىشىنىۋاتىسىلەر. ئەمەلىيەتتە ئۆزۈڭلار ئوغرى تۇرۇپ يۇسۇف بىلەن قېرىندىشىنى ئوغرى دەۋاتىسىلەر. 2- سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مەرتىۋەڭلەر بەك تۆۋەن، چۈنكى سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بەك يامان.
12

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى