ئىزاھات

ئىمران بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئايالى قورسىقىدىكى بالىسىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىۋەتكەن. ئۇ بالا قىز تۇغۇلۇپ، ئاللاھ ئۇ قىزنى ئاتىسىز مۆجىزە بالا تۇغۇش ئۈچۈن تاللىغان ۋە تۇغۇلغان بۇ بالىنى (ئىيسانى) پەيغەمبەر قىلغان. قۇرئان كەرىمنىڭ 3 - سۈرىسى «ئال ئىمران سۈرىسى»، 19 - سۈرىسى ئىمراننىڭ ھېلىقى قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن «مەريەم سۈرىسى» دەپ ئاتالغان. قۇرئان كەرىمدە ئىمران ئۈچ قېتىم، قىزى مەريەم 31 قېتىم، نەۋرىسى ئىيسا 25 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئىمراننىڭ ئائىلىسى ئەنە شۇ ئىلاھىي ئىلتىپاتلارغا ئېرىشكەن.‏
12

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى