ئىزاھات

‎‏ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىغا كېتىۋاتقاندا مۇنافىقلاردىن بىر گۇرۇھ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام توغرۇلۇق: «شۇ ئادەمنىڭ ھالىغا قاراڭلار، شام سارايلىرىنى پەتىھ قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇ شام سارايلىرىنى پەتىھ قىلغۇدەك قانچىلىك ئادەمتى!» دەپ ئۇنى كەمسىتكەن ئىدى ۋە غەيۋىتىنى قىلىشقان ئىدى. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي ئارقىلىق بىلدۈرۈلدى. مۇنافىقلار چاقىرىتىلىپ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقى سورالغان ئىدى. ئۇلار تاندى ۋە: «يول ئازابىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن چاقچاقلاشقان ئىدۇق» دەپ يالغان ئېيتىشتى. بۇ ئايەت بۇ مۇنافىقلار ھەققىدە نازىل بولغان (ئەبۇ جەئفەر تەبەرى، جامىئۇل بەيان فى تەئۋىلىل قۇرئان، 14: 334؛ زەمەخشەرى، كەششاف، 2: 286).‏
12

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى