ئىزاھات

ئاخىرەتتىكى ئازابتىن قورققان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئاھالىسى زالىم يۇرتلارنى بۇ دۇنيادا بۇ قەدەر ئەلەملىك ۋە قاتتىق جازالىشىغا قاراپ، ھەقىقىي جازا ۋە مۇكاپات كۈنى بولغان ئاخىرەتتە ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسىنىڭ تېخىمۇ ئەلەملىك ۋە تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ - دە، تائەت - ئىبادەتكە تېخىمۇ كۈچەيدۇ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. «ھەقىقەتەن ئايەت بار» دېگەن ئىپادىدىكى «ئايەت» ئۇ كىشى ئالىدىغان بۇ ئىبرەتنى، نەسىھەتنى ۋە ساۋاقنى كۆرسىتىدۇ. ‏
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى