ئىزاھات

مۇشرىكلار مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ خوتۇن - بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەلچىلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرەتتى، ئاللاھ تائالا ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولسا بىر پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتمەمتى؟ دېيىشەتتى. ئاللاھ تائالا ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىرەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، خوتۇنى ۋە بالىلىرى بولۇشنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا توسالغۇ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (قاراڭ: 14 - سۈرە ئىبراھىم، 11 - ئايەت؛ 18 - سۈرە كەھف، 110 - ئايەت؛ 41 - سۈرە فۇسسىلەت، 6 - ئايەت). مۆجىزىگە كەلسەك، ئۇمۇ ئەلچىنىڭ قولىدا ئەمەس ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ بەلگىلىگەن زاماندىلا مەيدانغا كېلىدۇ. مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنىڭ دەرھال كەلمىگەنلىكى ئۇنىڭ ھېچ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.‏
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى