ئىزاھات

فاسىقلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «فاسىقىين» بولۇپ، لۇغەتتە پىشقان خورمىنىڭ پوستىدىن چىقىشى دېگەن مەنىدىكى «فسق» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن كۆپلۈك ئېنىق سۈپەتداشتۇر. مەنىسى ئەقىل ۋە فىترەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ئاسىيلىق قىلغۇچىلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تەرك ئەتكۈچىلەر، ھەق يولدىن چىققۇچىلار، گۇناھ قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقۇچىلار، شەرىئەت چەكلىگەن ئىشنى قىلغۇچىلار دېگەن بولىدۇ (خەلىل ئىبنى ئەھمەد، «فسق»، 5: 82؛ ئەزھەرىي، «فسق»، 8: 315؛ ئىبنى فارىس، «فسق»، 4: 502؛ راغىب ئىسفەھانى، «فسق»، 636؛ ئىبنى مەنزۇر، «فسق»، 10: 308)‏‎.‎‏ قۇرئان كەرىمدە ئىسىم، سۈپەتداش ۋە پېئىل بولۇپ، «فسق» دىن تۈرلەنگەن 60 ئەتراپىدا كەلىمە بار. ئۇلارنىڭ يۇقىرىدىكى مەنىلەرنىڭ بىرىدە ئىكەنلىكىنى ئالدى - كەينىدىكى ئايەتلەر بەلگىلەيدۇ.‏
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى