ئىزاھات

ئايەتتىكى «ئۇلارنى تاللاپ ئالەملەردىن ئۈستۈن قىلىش»- ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىش، نەسلىدىن پەيغەمبەر چىقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا 22 - سۈرە ھەجنىڭ 75 - ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱللَّهُ يَصۡطَفِي مِنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ رُسُلٗا وَمِنَ ٱلنَّاسِۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعُۢ بَصِيرٞ ٧٥﴾ «ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ، ئىنسانلاردىنمۇ ئەلچىلەر تاللايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» (22-سۈرە ھەج، 75- ئايەت). بۇ ئايەتتىكى «تاللايدۇ» مەنىسىدىكى كەلىمە بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتتە «تاللاپ» مەنىسىدە كەلگەن كەلىمە «اصطفاء» تۈپ سۆزىدىن تۈرلەنگەن. ‏
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى