ئىزاھات

بۇ ئايەتلەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى بەنى ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ئۇلارغا «ئالەملەردىن ھېچكىمگە بېرىلمىگەن نېمەتلەرنىڭ بېرىلىشى» بولسۇن، مەيلى «مۇقەددەس زېمىننىڭ ئۇلارغا ۋەتەن قىلىپ يېزىلىشى» بولسۇن بۇلار ئۇ زامانغا ئائىتتۇر. قۇرئان كەرىم ئاخىرقى نەبىي مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى (قاراڭ 21 - سۈرە ئەنبىيا، 107 - ئايەت) بولغانلىقىغا ئوچۇق -ئاشكارا دالالەت قىلماقتىدۇر. زېمىننىڭ مۇئەييەن بىر پارچىسىنىڭ مەلۇم بىر مىللەتكە ۋەتەن قىلىپ يېزىلىشىمۇ شەرتلىك بولۇپ، بۇ ئۇ مىللەتنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا توغرا، دۇرۇس مېڭىشىغا باغلىقتۇر (قاراڭ: 21 - سۈرە ئەنبىيا،105 - ئايەت).‏
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى