ئىزاھات

ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە بىرەر ئايەت (ئالامەت) سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى ياراتقان چېغىدا ئۇنىڭ فىترىتىگە بۇ ھەقىقەتنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا ھەر ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان بىلىمگە ئېرىشىدۇ. ئەنە شۇ بىلىمنىڭ ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئورتاق ئىسمى «زىكىر»دۇر. ھەر ئىككىلىسى ئىنساننى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. خاتا يولغا كىرگەنلەر ئۆز زېھىنلىرىدىكى بىلىمگە ئەمەل قىلماي فىترەتلىرىنى بۇزغان كىشىلەردۇر. قۇرئان كەرىمدە نەبىي ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشىنىڭ «تەزكىر - ئەسلىتىش»، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ «تەزەككۇر - ئەسلەش» دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆز فىترەتلىرىنى (تەبىئىي ھالەتلىرىنى)، زېھىنلىرىدىكى بىلىملەرنى ئەسلەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىنساب بىلەن قارىغان ھەر كىشى: «توغرا، شۇنداق، ئەلۋەتتە» دەپ ھەر ئايەت ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىمنىڭ ئۆز زېھنىدىكى توغرا ئىلىمگە ماس كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب، بۇ كىتابنى ئېلىپ كەلگەن كىشى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھىسى قالمايدۇ. ئاندىن ھاياتىدا بۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىمىغانلار كافىر (ئىمانىنى يۆگىۋالغۇچى)، بۇ ئىمانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ياشىغانلار مۇسۇلمان (تەسلىم بولغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلار قارا يۈزلۈكلەر ۋە ئاق يۈزلۈكلەر بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قارا يۈزلۈكلەرگە: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا شۇ ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» (3 - سۈرە ئال ئىمران، 106 - ئايەت) دەيدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر ئىنسانغا ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان چېغىدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايەتلەردىن ھاسىل قىلغان بىلىمىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ ئىككى ئىلىم ئۇنىڭغا ئۆز فىترىتىنى (تەبىئىي ھالىتىنى) ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەر ئىككىلىسى «زىكىر» دەپ ئاتىلىدۇ.
13

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى