ئىزاھات

‏ ئاللاھ تائالا بەزىڭلارغا ئىلىم - بىلىم، ئىززەت - ئېتىبار، مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقا قاتارلىق نېمەتلەرنى بەرگەن بولسا، بۇ نېمەتلەر بېرىلمىگەن كىشىلەر بېرىلگەن كىشىلەرگە ھەسەت قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مەزكۇر ئىلاھىي نېمەتلەرگە كۆز تىكمىسۇن، ئۇلارنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى ئەر، بەزىڭلارنى ئايال قىلىپ ياراتقان ۋە ھەر بىرىڭلارغا ئايرىم ئالاھىدىلىكلەر ئاتا قىلغان. ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارزۇ قىلمىسۇن، (34 - ئايەتنىڭ بىرىنچى ئىزاھاتىغا قاراڭ). ھەر جىنس ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قانائەت قىلسۇن، باشقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەۋەسلەنمىسۇن.‏
14

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى