ئىزاھات

‎‏ ئاللاھ تائالا زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتنى سىلەر ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭغا يەرلەشتۈردى، مۇئەييەن زامانغا قەدەر ئۇنى سىلەرگە قارارگاھ قىلدى، ئۇنىڭدا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدى. بەختلىك ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ تۈزىلىشىگە، بەختسىز ياشىشىڭلارنى ئۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا باغلىق قىلدى. نازىل قىلغان كىتابلىرى ۋە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئارقىلىق سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ، توغرا بىلەن خاتانىڭ ۋە ياخشى بىلەن ياماننىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۇنىڭ تۈزۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە بۇزۇلغان يەرلىرىنى تۈزەشكە مەسئۇل، بۇزۇشتىن ۋە بۇزۇلۇشىدىن جاۋابكار قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر تىلەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئاللاھتىنلا تىلەڭلار. ئەگەر ئاللاھتىن غەيرىيدىن تىلىسەڭلار ئاللاھ تۈزىگەن زېمىننىڭ ئۈستىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىسىلەر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاشقا مەھكۇم قىلىنىسىلەر.‏
14

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى