ئىزاھات

خەلىفە دېگەن كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئورۇنباسار، ئىز باسار، ھۆكۈمران دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 165 - ۋە 133 - ئايەت؛ 7 - سۈرە ئەئراف، 129 - ئايەت؛ 10 - سۈرە يۇنۇس، 14 - ۋە 73 - ئايەتلەر؛ 11 - سۈرە ھۇد، 57 - ئايەت؛ 24 - سۈرە نۇر 55 - ئايەت؛ 35 - سۈرە فاتىر، 39 - ئايەت؛ 38 - سۈرە ساد، 26 - ئايەت). بۇ ئايەتتە مەنىسى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن باشلانغان، ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان، ئىلىم - مەرىپەت، كەشىپ - ئىجادىيەت ۋە ھۈنەر - سەنئەتتە رىقابەتلىشىپ بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان، بۇ ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان ۋە مەدەنىيەت ئىجاد قىلىدىغان، نەتىجىدە ھەر بىرى بىردىن ئورۇنباسار بولىدىغان بىر مەخلۇق پەيدا قىلىمەن دېگەن بولىدۇ.‏
15

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى