ئىزاھات

‎‏ بۇ يەردە «يول» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ۋەسىلە»دۇر. ۋەسىلە ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسە دېگەن بولىدۇ. بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋەسىلىلەر (يوللار)نىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان جىھاددۇر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان يوللار ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئىبادەت قىلىش، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر، خالاس.‏
15

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى