ئىزاھات

ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى بولسا، «زۇلەفەن مىنەللەيل»دۇر. «زۇلەف» «زۇلفە»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. 2 - سۈرە بەقەرە 238 - ئايەتنىڭ ئىزاھاتىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپلۈك ئەرەبچىدە ئەڭ ئاز ئۈچنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلمىنىڭ لۇغەت مەنىسى يېقىنلىق دېگەن مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (قاراڭ: 67 - سۈرە مۇلك، 27 - ئايەت). شۇڭا «زۇلەفەن مىنەللەيل»نىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر. ‏
16

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى