ئىزاھات

قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە «ئاللاھقا ياردەم بېرىش» ئىپادىسى ئۆتىدۇ (قاراڭ: 22 - سۈرە ھەج، 40 - ئايەت؛ 47 - سۈرە مۇھەممەد، 7 - ئايەت؛ 57 - سۈرە ھەدىد، 25 - ئايەت)، ئىككى يەردە «ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى» ئىپادىسى ئۆتىدۇ (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 52 - ئايەت؛ 61 - سۈرە سەف، 14 - ئايەت). «ئاللاھقا ياردەم بېرىش»، «ئاللاھنىڭ ياردەمچىسى بولۇش» مەنە جەھەتتىن ئوخشاش ئىپادە بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم بېرىشىنىڭ سەۋەبلىرنى قىلىش، شەرتلىرىنى ئورۇنداش ۋە شارائىتلىرىنى ھازىرلاش قاتارلىق مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىن بىرى مۇنداق:‏ ‏ ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ﴾ «ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاللاھقا ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ» - (47 - سۈرە مۇھەممەد، 7 - ئايەت). ئەسلىدە ئىنسانلار - شاھ، گادا، باي، پېقىر ھەممىسى ئاللاھقا موھتاجتۇر، ئاللاھ مۇتلەق مەنىدە بايدۇر (قاراڭ: 35 - سۈرە فاتىر، 15 - ئايەت). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مېنىڭ ياردىمىمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر، مېنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلىشىم ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ مەن بۇ توغرىدا قويغان شەرتلەرنى ئورۇندىشىڭلار، مەن بەلگىلىگەن پىرىنسىپلەرگە رىئايە قىلىشىڭلار ۋە مەن بېكىتكەن سەۋەبلەرنى قىلىشىڭلار كېرەك. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:‏ ‏ 1 - ئىمان ئېيتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش. چۈنكى ئاللاھ تائالا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 139 - ئايەت؛ 7 - سۈرە ئەئراف، 56 - ۋە 156 - ئايەتلەر؛ 24 - سۈرە نۇر، 55 - ئايەت؛ 30 - سۈرە رۇم، 47 - ئايەت؛ 40 - سۈرە غافىر، 51 - ئايەت؛ 47 - سۈرە مۇھەممەد، 35 - ئايەت؛ 63 - سۈرە مۇنافىقۇن، 8 - ئايەت).‏ ‏ 2 - قىلماقچى بولغان ئىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان سەۋەبلەرنى قىلىش. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ قانۇنىدا سەۋەبسىز نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىش يوق. ئاللاھ تائالا سەۋەب قىلغانلارغا ئۆزى خالىسا ياردەم بېرىدۇ، سەۋەب قىلمىغانلارغا ھېچ ياردەم بەرمەيدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 202 - ئايەت؛ 17 - سۈرە ئىسرا، 18 - ئايەت؛ 29 - سۈرە ئەنكەبۇت، 69 - ئايەت). ئەگەر قىلماقچى بولغان ئىش ئۇرۇش بولسا، ئۇرۇشنىڭ ماددىي جەھەتتىن قورال كۈچى ۋە ئەسكەرىي تەييارلىقىنى تەييارلاش، مەنىۋى جەھەتتىن زامانغا ماس ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە پىلانىنى پۇختا تاماملاش كېرەك (قاراڭ: 8 - سۈرە ئەنفال، 60 - ئايەت)، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئېھتىيات قىلىش شەرت يەنى ئۇرۇش ئەسناسىدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا ئالدىنى ئېلىش، دىققەت قىلىش ۋە پەخەس بولۇش لازىم (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 71 -، 101 - ۋە 102 - ئايەتلەر). ‏ ‏ 3 - سەۋر قىلىش ۋە تەقۋادار بولۇش. سەۋر قىلىش - نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلىك ئىشەنچىنى يوقىتىۋەتمەسلىك، بەلنى قويۇۋەتمەسلىك، تەقۋادار بولۇش - كېرەكلىك غەيرەتنى قىلىشنى ۋە لازىملىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايىتىدە سەۋرچان ۋە تەقۋادار كىشىلەرگە «ياخشى ئاقىۋەت» ۋەدە قىلىدۇ. (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 133 - ۋە 246 - ئايەتلەر؛ 3 - سۈرە ئال ئىمران، 118 -، 120 - ۋە 186 - ئايەتلەر؛ 8 - سۈرە ئەنفال، 46 - ۋە 66 - ئايەتلەر؛ 11 - سۈرە ھۇد، 49 - ئايەت؛ 12 - سۈرە يۇسۇف، 90 - ئايەت).‏ ‏ 4 - ئىتتىپاقلىقنى قوغداش ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئۇھۇد ئۇرۇشىدا ياردەم بەرمەسلىكىگە ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەشتە بىرلەشمەسلىكى ۋە بۇيرۇققا ئىتائەت قىلماسلىقى سەۋەبچى بولغان (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 152 - ۋە 153 - ئايەتلەر). ھۇنەين ئۇرۇشىدا باشتا ياردەم بەرمەسلىكى بولسا مۇسۇلمان قوشۇننىڭ مەغرۇرلىنىشىدىن بولغان (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 25 - ئايەت).‏ پۈتۈن بۇلاردىن كېيىن يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ياردەم بېرىشىگە ياردەم بەرسەڭلار، يەنى يۇقىرىدىكى تۆت شەرتنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلىشىغا لايىق بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ».
16

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى