ئىزاھات

بىر كىشىنىڭ باشقا بىر كىشىنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئېلىشى ئۈچۈن ئۇ كىشى بىلەن ئارىسىدا ئاتا -بالىلىق ياكى ئانا - بالىلىق ياكى تۇغقانچىلىق ۋە ياكى ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بولۇشى لازىم. بۇ ئايەت ئۇلارنى بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشلىرى بۇ سۈرىنىڭ 11 - ۋە 12 - ئايەتلىرىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى «قەسەم ئىچىشىپ ئورنىتىلغان مۇناسىۋەت» بىر ئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ پۈتۈن شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا نىكاھ توختامى تۈزۈش ئارقىلىق ئورناتقان ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
16

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى