ئىزاھات

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ پەزلىدىن باي بولغان مۇنافىقلار تۇزكورلۇق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق گۇناھى يوق ئىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ پەزلىدىن باي قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشقان ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ باي بولۇپ قىلىشىنى يامان كۆرۈشلىرى بولۇپ ھېسابلاندى.‏
16

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى