ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 17 - سۈرە ئىسرانىڭ 78 - ئايىتىدە «ئەقىمىسسەلاتەَ» دەيدۇ. «ئەقىمِ» قىيام مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك بۇيرۇق پېئىلى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «ئۆرە تۇرغۇزغىن» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ئەقىم ئەمرىدىن كېيىن كەلگەن كەلىمە «ئەسسەلات»دۇر. بۇ ئەسسەلات ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە)دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ئايەتلەردىكى «ئەسسەلات»، «تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، مۇئەييەن ھەرىكەت ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بەدەنىي ئىبادەت»نى، يەنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلۇپ ۋە ئادا قىلىنىپ كەلگەن كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنى كۆرسىتىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا قىلىنغان بۇ بۇيرۇق، بەش ۋاخ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا، شەرت ۋە شەكىللىرىنى، ئەركان ۋە زىكىرلىرىنى، دۇئا ۋە تەسبىھلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بۇنى «تولۇق ۋە داۋاملىق» دېگەن سۆز ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «ئەسسەلات»نىڭ بېشىدا ئىقامە مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ياكى سۈپەت كەلسە، ئۇ «تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش»نىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەندى. ‏
17

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى