ئىزاھات

‏ ئاللاھ تائالا ئەرلەرنى بەدەن جەھەتتە كۈچلۈك، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. ئاياللارنى بولسا بەدەن جەھەتتە نازۇك، مېھىر - شەپقىتى بىلەن ئىش قىلىشقا مايىل قىلىپ ياراتقان. شۇنىڭ بىلەن ئەرلەرگە ئائىلىسىنى بېقىش ۋە قوغداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئاياللارغا ئائىلىسىنىڭ ئىچ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەلىم - تەربىيەسىنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەن. دېمەككى، ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى بىلەن ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى ھەقلىرى ئوخشاشتۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا ئائىلىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن.‏‎ ‎ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇق بولغان بىر دەرىجىسى (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 228 - ئايەت) مانا بۇ باشقۇرۇش ھوقۇقىدۇر. ئۇلار بۇ دەرىجىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بەزى جەھەتتىن ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ مال چىقىم قىلىشى بىلەن لايىق بولغان. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ھەقىقەتكە دالالەت قىلىدۇ.‏
17

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى