ئىزاھات

ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن ئالغان ئەھدىسى ۋە ئۇلارغا بەرگەن ئەھدىسى 5 - سۈرە مائىدىنىڭ 12 - ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى. بىز ئۇلاردىن ئون ئىككى باشلىقنى خىزمەتكە بەلگىلىدۇق. ئاللاھ ئېيتتى: مەن ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىسەڭلار، زاكاتنى بەرسەڭلار، ئەلچىلىرىمگە ئىمان ئېيتساڭلار، ئۇلارنى قوللاپ ھۆرمەتلىسەڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىۋېتىمەن ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمەن. سىلەردىن كىم ئۇنىڭدىن كېيىن كافىر بولىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ».‏
19

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى