ئىزاھات

‎ئاللاھ تائالا ئاياللارغا مىراستىن ھەسسە بەردى (قاراڭ: 4 - سۈرە نىسا، 7 -، 11 -، 12 - ۋە 33 - ئايەتلەر). ئۇلارغا چاپلانغان بوھتانلارنىڭ تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەگەر بوھتان چاپلىغۇچى دەۋاسىنى تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇنىڭ يالغانچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا 80 دەررە ئۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى (قاراڭ: 24 - سۈرە نۇر، 4 - ئايەت). تېخى كىچىك چېغىدىلا تىرىك كۆمۈۋېتىلىدىغان ئاياللارنىڭ (قاراڭ: 16 - سۈرە نەھل، 59 - ئايەت) ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى (قاراڭ: 3 - سۈرە ئال ئىمران، 195 - ئايەت؛ 4 - سۈرە نىسا، 25 - ئايەت؛ 9 - سۈرە تەۋبە، 71 - ئايەت؛ 49 - سۈرە ھۇجۇرات، 13 - ئايەت) ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىق قىلىنىشى پەرز بولغان ئانا (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 83 - ئايەت؛ 4 - سۈرە نىسا، 36 - ئايەت؛ 6 - سۈرە ئەنئام، 151 - ئايەت؛ 17 - سۈرە ئىسرا، 23 - ئايەت؛ 46 - سۈرە ئەھقاف، 15 - ئايەت)، ئىلاھىي ئامانەت سۈپىتىدە ساقلىنىشى پەرز بولغان رەپىقە (قاراڭ: ۋىدا خۇتبىسىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى - مۇسلىم، «ھەج»، 147؛ ئەبۇ داۋۇد، «مەناسىك»، 56)، ئاسراپ بېقىلىشى، ھىمايە قىلىنىشى، كۆڭۈل بۆلۈنۈشى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى پەرز بولغان قىز پەرزەنت (قىزلار ئوغۇللارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئاتا -ئانىسىغا قىلغان ھەدىيەسىدۇر ‹قاراڭ: 42 - سۈرە شۇرا، 49 - ئايەت›، زىبۇزىننەت ئىچىدە بېقىلىشى ۋە ھايالىق قىلىپ تەربىيەلىنىشى كېرەك بولغان بالىدۇر ‹قاراڭ: 43 - سۈرە زۇخرۇف›. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز بالىسىغا يامان كۆز بىلەن قارىغان، يامان مۇئامىلە قىلغان ۋە ياشاش ھوقۇقىغا رىئايە قىلمىغان ئاتىلار قاتتىق ئەيبلىنىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ (قاراڭ: 16 - سۈرە نەھل، 58 - ۋە 59 - ئايەتلەر؛ 81 - سۈرە تەكۋىر، 8 - ئايەت›) بولغانلىقى ئەسلىتىلدى. مانا ياخشى ئاياللار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتى سەۋەبىدىن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلايدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ ۋە ئەرلىرىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەيدۇ. قىسقىسى ياخشى ئاياللار: «ئاللاھ ماڭا نۇرغۇنلىغان ھەق -ھوقۇقلارنى بېرىپ مېنى قوغداپتۇ، مەن ئۆزۈمنى قوغداي» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلاش» بۇيرۇقىنى ھەرگىزمۇ سۇيىئىستېمال قىلمايدۇ.‏
19

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى