ئىزاھات

‎‏ 33 - سۈرە ئەھزابنىڭ 44 - ئايىتى بىلەن 36 - سۈرە ياسىننىڭ 58 - ئايىتىدە ئەھلى جەننەتكە ئاللاھ تائالانىڭ سالام قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. 13 - سۈرە رەئدنىڭ 23 - ۋە 24 - ئايىتىدە، 16 - سۈرە نەھلنىڭ 32 - ئايىتىدە، 39 - سۈرە زۇمەرنىڭ 73 - ئايىتىدە ئەھلى جەننەتكە پەرىشتىلەرنىڭ سالام قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. 19 - سۈرە مەريەمنىڭ 62 - ئايىتىدە، 56 - سۈرە ۋاقىئەنىڭ 25 - ۋە 26 - ئايەتلىرىدە ئەھلى جەننەتنىڭ بىر -بىرلىرىگە سالام قىلىشىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتىكى سالام ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئەھلى جەننەتكە ئاللاھ تائالا سالام قىلىدۇ، پەرىشتىلەر سالام قىلىدۇ. ئۇلار بىر - بىرىگە سالام قىلىشىدۇ. ‏
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى