ئىزاھات

«ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: ‹رەببىم! بۇ يەرنى تىنچ شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن رىزىق بەرگىن› دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. رەببى: ‹ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!› دېدى» (قاراڭ: 2- سۈرە بەقەرە، 126- ئايەت)، «ئۇلار: ‹بىز سەن بىلەن بىرلىكتە ھىدايەتكە ئەگەشسەك، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز› دېدى. بىز ئۇلارغا بىخەتەر ھەرەمنى ماكان قىلىپ بەرمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ مېۋىلىرى بىز تەرەپتىن رىزىق سۈپىتىدە يىغىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» (قاراڭ: 28- سۈرە قەسەس57- ئايەت)، «ئۇلار بىزنىڭ مەككىنى ھۆرمەتلىك ۋە بىخەتەر شەھەر قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار تۇتۇلۇپ ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟» (29- سۈرە ئەنكەبۇت، 67- ئايەت). بۇ مەنىدىكى ئايەتلەر ئۇلارنىڭ ئاچارچىلىقتا ۋە قورقۇنچتا قالمىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى