ئىزاھات

قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىشتا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت (توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى) بولۇپ نازىل قىلىنغان بولسىمۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 185 - ئايەت؛ 4 - سۈرە نىسا، 174 - ئايەت)، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇ پەقەت تەقۋادارلارغىلا ھىدايەت بولىدۇ (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 2 - ئايەت). قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەت بۇ ئىنچىكىلىككە ئىشارەت قىلماقتا (قاراڭ: 9 - سۈرە تەۋبە، 124 - ۋە 125 - ئايەتلەر؛ 17 - سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت؛ 41 - سۈرە فۇسسىلەت، 44 - ئايەت). تەقۋادار- ئاللاھقا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشى دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پەرقلىق ئاتىلىشى ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان كىشى دېمەكتۇر. بۇ ئايەتتە «تەقۋادار» بۇ سۈپىتى بىلەن زىكىر قىلىنغان.‏
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى