ئىزاھات

«فىترەت» «ياراتتى» دېگەن مەنىدىكى فەتەرە (فَطَرَ) پېئىلىدىن (قاراڭ: 6 - سۈرە ئەنئام، 79 - ئايەت؛ 17 - سۈرە ئىسرا، 51 - ئايەت؛ 43 - سۈرە زۇخرۇف، 27 - ئايەت) ئېلىنغان ھالەتلىك مەسدەر (ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر) بولۇپ، مەنىسى «يارىتىش پېئىلى ئەمەلىيلەشكەندە يارىتىلغۇچىدا شەكىللەنگەن ھالەت» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە «يۈزىنى دىنغا توغرىلاش»نى ئەنە شۇ ھالەتنى قوغداش ۋە ساقلاش بىلەن تەپسىر قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ: «سەن بۇ دىنغا يۈزلەنگىن، ئوڭ - سولغا بۇرۇلمىغىن ۋە ئۇ دىندا مۇستەھكەم تۇرغىن، ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتقاندا شەكىللەنگەن تەبىئىي ھالەتنى ساقلىغىن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلغىن، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىغىن. ئۇنىڭ بىلەن ماسلاشقىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغىن، ئۇنىڭغا چېقىلمىغىن. ئاللاھ ئىنسانلارنىمۇ شۇ ھالەت بىلەن ياراتقان. ئۇ ھالەتنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھالەتنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى ئۇ ھالەتنىڭ ئۆز پېتى قېلىشىغا باغلىق. ئۇ ھالەت بۇزۇلسا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ ۋە ھايات قىيىنلىشىدۇ. ئەنە شۇ فىترەت دەپ تەرىپلەنگەن دىن ھاياتنىڭ ئۆز يولىدا داۋاملىشىشىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان يەككە - يېگانە توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەزكۇر تەبىئىي ھالەتنىڭ تەلەپلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ ۋە چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمايدۇ، بەلكىدە نەپسى خاھىشلىرى ياكى شەيتان ۋەسۋەسىلىرى بويىچە ياشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كائىناتتا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىدۇ ۋە جانلىقلارنىڭ ياشاش يوللىرى تارلىشىدۇ».
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى