ئىزاھات

بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارغا ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى فامىلە قىلىپ ئىشلىتىڭلار. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بېقىۋالغان بالا ھېچبىر جەھەتتە بېقىۋالغۇچىنىڭ بالىسى ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بېقىۋالغان بالا بالاغەتكە يەتكەندە بېقىۋالغۇچىلارغا نامەھرەم بولىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن ئارىسىدا مىراسخورلۇق ھەققى پەيدا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بالا بېقىۋالغۇچىلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا رىئايە قىلىشى لازىم: 1. بالىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكلىرىگە ئۆز ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى يازدۇرۇشلىرى ۋە رەسمىيەتلەردە ئىشلىتىشلىرى لازىم. 2. بالىنى مەيلى بېقىۋالغانلار بولسۇن، مەيلى باشقىلار بولسۇن ئىسىمىنىڭ ئاخىرىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بولسا، ئۆز دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن شۇنداق ئاتاش كېرەك. 3. بالا بالاغەتكە يەتكەن ھامان يېتىپ ـ قوپىدىغان يېرىنىڭ ئايرىم بولۇشى، قىز بولسا بېقىۋالغان دادىسى بىلەن، ئوغۇل بولسا بېقىۋالغان ئانىسى بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالماسلىقى كېرەك. يۇقىرىدىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان ۋە شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئەھۋال ئاستىدا بىرەر يېتىم بالىنى بېقىۋىلىپ، ئۇنىڭغا مىھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش ناھايىتى ياخشى ئىشتۇر. بىر قانچە ئايەتتە بۇ مەزمۇن تەكىتلەنگەن (قاراڭ: 2 - سۈرە بەقەرە، 177 -، 215 - ۋە 220 - ئايەتلەر؛ 4 - سۈرە نىسا، 36 - ئايەت).
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى