ئىزاھات

ھەرقانداق ئىنسان تۇرغان يېرىدە يالغۇز تۇرىدۇ ياكى باشقىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرىدۇ. ئۇ باشقىسى ئەڭ ئاز بىر كىشى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە «ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، بىردىن تۇرۇڭلار» دېيىلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇلارغا «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قايسى ھالەتتە تۇرساڭلار تۇرۇڭلار، تەپەككۇر قىلىڭلار. مېنىڭ جىن چاپىلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسلىكىمنى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىسىلەر» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزنى قىلغان.
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى