ئىزاھات

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە بىرىنچى قەۋەت ئاسماننى «كەۋكەبلەر» بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى، 7 – ئايىتىدە ئۇ ئاسماننى شەيتاندىن ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 41 – سۈرە فۇسسىلەتنىڭ 12 – ئايىتىدە ئۇ ئاسماننى «مەسابىھ - چىراغلار» بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى ۋە ساقلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 67 – سۈرە مۇلكنىڭ 5 – ئايىتىدە ئۇ ئاسماننى چىراغلار بىلەن زىننەتلىگەنلىكىنى تەكرارلاش بىلەن ئۇ چىراغلارنى «شەيتانلارغا ئېتىلىدىغان نەرسىلەر» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا «كەۋكەبلەر» بىلەن «نەجملەر»نى بىرىنچى ئاسماننىڭ زىننىتى قىلغان، لېكىن ئۇ ئاسماننى يۇلتۇلارنى ئېتىپ شەيتانلاردىن ساقلىغان، چۈنكى «كەۋكەبلەر»دە نۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار «مەسابىھ - چىراغلار» دېيىلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتنى قىيامەت قايىم بولغاندا «كەۋكەبلەر»نىڭ چېچىلىدىغانلىقىنى، «نەجملەر»نىڭ ئۆچىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرمۇ ئېنىق بايان قىلىدۇ (قاراڭ: 82 - سۈرە ئىنفىتار، 2 – ئايەت؛ 77 – سۈرە مۇرسەلات، 8 – ئايەت؛ 81 - سۈرە تەكۋىر، 2 – ئايەت).
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى