ئىزاھات

مۇشرىكلار قۇرئان كەرىم ھەققىدە «ئۇنى مۇھەممەدكە بىر ئىنسان ئۆگەتمەكتىدۇر» (16 - سۈرە نەھل، 103 - ئايەت)، «نەقىل قىلىنىپ كەلگەن سېھىردىنلا ئىبارەتتۇر» (74- سۈرە مۇددەسسىر، 24 - ئايەت)، «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرى» (25 - سۈرە فۇرقان، 5- ئايەت) دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقان، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كۆپ قىتىم رەددىيە بېرىپ ئايەت نازىل قىلغان. بۇ ئايەت ئۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەنىسى، ئى مۇشرىكلار! ئەمەلىيەت سىلەر ئېيتقاندەك ئەمەس، ئەكسىچە قۇرئاننى مۇھەممەدكە ئاللاھ تائالا ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بىر قىسىم ئايەتلەر ئۈچۈن قاراڭ: 25 - سۈرە فۇرقان، 6 - ئايەت؛ 26 - سۈرە شۇئەرا، 192 - ئايەت؛ 32 - سۈرە سەجدە، 2 - ئايەت؛ 36 - سۈرە ياسىن، 2 - ئايەت؛ 39 - سۈرە زۇمەر، 1 - ئايەت؛ 40 - سۈرە غافىر، 2 - ئايەت؛ 45 - سۈرە جاسىيە، 2 - ئايەت؛ 41 - سۈرە فۇسسىلەت، 2 - ئايەت؛ 46 - سۈرە ئەھقاف، 2 - ئايەت؛ 69 - سۈرە ھاققە، 43 - ئايەت.
2

Quran Uyghur Translation - www.uyquran.com - قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق تەرجىمىسى تور بىكىتى